خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىزىل تېرورلۇقى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-08-09
Share
خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىزىل تېرورلۇقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گىن ئۇچۇرىنى توپلىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن گىرافىك سۆرەت
RFA

ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى جېففرېي كەيننىڭ يېڭىدىن نەشردىن چىققان «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابى بىلەن ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، تەتقىقاتچى دەررىن بايلېرنىڭ نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان «خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى يۇقىرى تېخنىكالىق جازا مۇستەملىكىسى» ناملىق كىتابى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.

تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «بىر خەلقنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ۋەيران قىلىنىشى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان مەزگىلدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ناھايىتى تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ئىككى كىتاب بىرى-بىرىنى تولۇقلىغان رەۋىشتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە كوللېكتىپ ھالدا يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

بۇ يىل مارتتا ئېلان قىلىنغان يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى(New Lines Institute)  نىڭ قانۇن جەھەتتىكى ئانالىزىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان يېتەرلىك پاكىتلار كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇددىئاسى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ بۇ نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالتە مۇھىم سىياسەتنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنى بىر خەلق سۈپىتىدە يوقىتىش ئىكەنلىكى ئىنىق كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاخىرىقى مۇددىئاسى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلار «خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش؛ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش،  تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى ۋە ئۇيغۇر بالىلارنى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلارغا مەجبۇرىي يۆتكەش، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش، توپلۇقنىڭ كىملىلىكىنى قوغداپ تۇرىدىغان زىيالىيلار ۋە سەنئەتكارلارنى نىشانلىق يوقىتىش»  قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلغان.

جېففرېي كەين ئەپەندى كىتابىنىڭ ئىمزا قويۇش پائالىيىتىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇ يەردە ناتسىستلار قىلغانغا ئوخشاش توپلاپ ئۆلتۈرۈش، گاز ئۆيىگە سولاپ ئۆلتۈرۈش يۈز بەرمىگىنى بىلەن، پۈتۈن بىر مىللەت ئىچ-ئىچىدىن ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالمىغان بىلەن ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، كىملىكىنى بىلدۈرىدىغان بارلىق ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈن كېيىن باشقا ئىنسانلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر.»

دەررىن بايلېر ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادىكى شىركەتلەرگە باغلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكالىق «تىرورلۇقى» غا قارىتا دۇنيانىڭ ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى تىخنىكادىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.»

ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ كىتابار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكالىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ بارا-بارا سۇسلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئەگەر ئەھۋال مۇشۇ پېتى داۋام قىلسا، ئۇيغۇرلار جىسماني جەھەتتىن مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشكە يۈز تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم ئاخىرىدا يەنە خختاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا «تىرورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقان كۈچنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايلارنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا كېڭىيىۋاتىدۇ، دۇنيا بۇنى  بىلىشى كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە شى جىنپىڭ يولغا قويۇۋاتقان بىر بەلۋاغ بىر يول پىروگراممىسىغا قاتناشقان دۆلەتلەردىمۇ  خىتاينىڭ  كامېرا، چىراي تونۇش ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.  دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە خىتاينىڭ تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت