خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇس كلائۇس. ل نى د ئۇ ق غا سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزمەكچى بولغان

0:00 / 0:00

6-ئىيۇل كۈنى، گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD «فېدىراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خەۋەرچىسى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلدىمۇ؟» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئوبزوردا ميۇنخېن شەھرىدە ياشايدىغان 75 ياشلىق كلائۇس. ل نىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، سوراق-سوئال جەريانىدا خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئۇنى د ئۇ ق غا سوقۇنۇپ كىرىشكە بۇيرىغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئوبزوردا ئىپادە قىلىنىشىچە، 75 ياشلىق جاسۇس گۇماندارى كلائۇس ل. ئەمدىلا ئىتالىيە ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ميۇنخېندىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. سەۋەبى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىك گۇمانى بىلەن ئەيىبلىگەن. ميۇنخېن رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە «مەخپىي جۇسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللانغان» دەپ ئەرز سۇنغان.

ARD نىڭ بېرلىندىكى باش شىتابى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئوبزوردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسىم-فامىلىسى تولۇق ئاشكارىلانمىغان كلائۇس ل. ئەسلىدە خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىگە يېقىن بولغان «خاننس-سېيدېل فوندى جەمئىيىتى» نىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى ئىكەن. ئۇنىڭ خىتاي باشلىقى ئاۋمېندا ياشايدىكەن. ئۇ ئايالى بىلەن بىرگە 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋمېندىكى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ميۇنخېن ئايرودرومىغا قاراپ يولغا چىقماقچى بولغاندا، ئىشىك ئالدىدىلا ساقلاپ تۇرغان ساقچىلار تەرىپىدىن بىرىنچى قېتىم تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن. ئۆيلىرى، چامادانلىرى ئاختۇرۇلۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلگەن، كومپىيوتېر ۋە تېلېفونلىرى، ئائىلىسىدىكى ئېلىكترونلۇق مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى تەپسىلىي تەكشۈرۈلگەن. ئەمما ئۇ چاغدا قولغا ئېلىنمىغان. بىراق بۇ قېتىم ئۇلار 5-ئىيۇل كۈنى ئىتالىيەدىن قايتىپ كېلىشى ھامان فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى «قېچىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن گۇمان بىلەن رەسمىي قولغا ئالغان.

قىزىقارلىق بولغىنى، كلائۇس ل. دەپ ئاتالغان بۇ ئادەم قوش يۈزلۈك جاسۇس گۇماندارى ئىكەن. ئۇ قانچە 10 يىللاردىن بۇيان فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئائىت مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ، مەلۇم مىقداردا تاپان ھەققىگە ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىنمۇ فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ميۇنخېندىكى باش مەركىزىگە خالىغاندا كىرىپ چىقالايدىكەن، مۇناسىۋەت دائىرىسىمۇ كەڭرى ئىكەن.

بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق شاڭخەي زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي تەرەپنىڭ قىلتىقىغا چۈشكەن. خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئۇنى مەخپىي ئاخبارات يەتكۈزۈش يۇمتاللىرى بىلەن تەمىنلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينى زادى قانداق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تېخى مەلۇم ئەمەسكەن. بىراق مەلۇم بولغان مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، د ئۇ ق غا دائىر ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈش بولغان. خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئۇنى د ئۇ ق غا سوقۇنۇپ كىرىشكە بۇيرىغانلىقى سوراق جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ ئىقرارىدا «خىتاينىڭ ئۆزىنى د ئۇ ق دىن ۋەزىپە ئېلىشقا بۇيرىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقى» نى تىلغا ئالغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ د ئۇ ق غا جاسۇس سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشلىرى خېلى ئۇزۇن تارىخى بار بىر جەريان ئىكەن. 2009-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ميۇنخېندا قولغا ئېلىنغان بىر بۆلۈك جاسۇسلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ د ئۇ ق غا سوقۇنۇپ كىرىش ۋە ئۇنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئىگىلەش بولغان. لېكىن خىتاينىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشمىغان.

ئۆزىنى شۇقەدەر كۈچلۈك چاغلاۋاتقان خىتاي نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر د ئۇ ق غا جاسۇس كىرگۈزۈش مەقسىدىگە يېتەلمەيدۇ؟

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئۈستىدە توختالغاندا، د ئۇ ق نىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىغا ئائىت بىرقانچە تەرەپنىڭ خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنى ئىزچىل بىتچىت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە د ئۇ ق نىڭ ئۆز ئىمكانلىرىغا لايىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەت ئەللىك يازغۇچىلارنى، مۇخبىرلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى سېتىۋىلىپ د ئۇ ق ھەم ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى قارىلاشقا كۈشكۈرتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ARD نىڭ بۇ ئوبزورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، جاسۇس گۇماندارى كلائۇس ل. خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سېتىشنى رەت قىلغان شۇنداقلا خىتاي تەرەپكە فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان جاسۇسلىرىدىن بىرنىمۇ ئاشكارىلاپ قويمىغان.