خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىردە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى 75 يىل مابەينىدە ئىزچىل باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، بۇ باستۇرۇشلار بارغانچە كۈچىيىپ، 2017-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت بويىچە يوقىتىلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، ماۋ زېدۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 27 يىلدا ماۋ زېدۇڭنىڭ «يەر ئىسلاھاتى» ، «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش» «كوپىراتسىيە قۇرۇش»، «خەلق كوممۇناسى»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش»، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»، «زىيالىي ياشلارنىڭ يېزىلارغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئېلىشى» دېگەندەك بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەردە، ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان باستۇرۇش ۋە زۇلۇملار 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخىدا ئېچىنىشلىق قانلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىدىن «خىتاي كومپارتىيە تارىخى ماتېرىياللىرى، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» قاتارلىقلاردا، «شىنجاڭ» يەنى «شەرقىي تۈركىستان» دەسلەپ بېسىۋېلىنغان 50-60-يىللاردا يۈز بەرگەن زور بالايى ئاپەتلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سولچىل خاتالىقى سەۋەبىدىن رايوندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ 1952-يىلدىكى «يەر ئىسلاھاتى» ھەرىكىتىدىن، 1955-يىلى 10-ئايدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان مەزگىلدە، خىتاي گېنېرالى ۋاڭ جېن ئېلىپ بارغان «پومېشچىك ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش» ھەرىكىتى، 1957-يىلدىكى «ئېچىلىپ سايراش» تا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە پىكىر بەرگەنلەرنىڭ 1958-يىلىغا كەلگەندە «يەرلىك مىللەتچى» ۋە «ئوڭچى قالپىقى» كىيگۈزۈلۈپ زەربە بېرىلىشى، ماۋ زېدۇڭنىڭ 1958-يىلى 2-ئايدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» چاقىرىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «پولات تاۋلاش»، «خەلق كوممۇناسى»، «داشقازان تامىقىنى يېيىش» قاتارلىق ھەرىكەتلەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان.
بولۇپمۇ، 1962-يىلى يۈز بەرگەن «29-ماي ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى» دە يۈز مىڭلىغان خەلقنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان رېسپۇبلىكىلىرىغا قېچىش ۋەقەسى «خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىي ماتېرىيالى» دا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، ئۇنىڭدا بۇ ۋەقەلەرنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدىكى «ئېغىر سولچىل خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە» سىنىڭ «ھەربىي ئىشلار قانىلى» 2016-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان «1962-يىلدىكى ‹ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى› دە 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتتى» ناملىق پىروگراممىدا، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» دىن نەقىل ئېلىنىپ، «1962-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ چېگراسىدىكى چۆچەك، دۆربىلجىن، غۇلجا شەھىرى، قورغاس قاتارلىق چېگرا رايونلىرىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن. بۇ ۋەقە ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يەنە بەزى مىللىي ئامىللارمۇ بار، ئەمما بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› تىن كېيىنكى ئاچارچىلىق ئاپىتى» دېيىلگەن. كىتابتا يەنە چېگرادىن قېچىش ۋەقەسىنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، «دەسلەپتە قولىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پاسپورتى بار بىر قىسىم ئاھالىلەر 1959-يىلدىن باشلاپلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشكە باشلىدى» دېيىلگەن.
نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇللا سامساقوفنىڭ بۇ ھەقتە ئەسلىشىچە، 1959-يىلىدىن باشلاپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئاھالىلەر، قولىغا بېرىلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتى بىلەن پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئابدۇللا سامساقوفنىڭ «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىدا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدىغان دادىسى ھەمدۇللا سامساقوف ۋە زىيا سەمىدى قاتارلىق كىشىلەر 1958-يىلى «ئوڭچى» قالپىقىنى كىيگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتارىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچكەن ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى» ھەققىدىكى بايانلىرىدا يەنە، ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، «1960-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە چېگرانى بۇزۇپ قېچىش ۋەقەسى باشلاندى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا ئاز ساندىكى چېگرا ئاھالىلىرى چېگرادىن ئۆتۈپ چۆچەك ناھىيەسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا باشلىدى. ھەتتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قېچىپ كەتتى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارلىرى ۋە ناھىيەلىك سوتچىلار ھەممىسى يۇرتىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ ناھىيەدىن جەمئىي 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېچىپ كەتتى. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى يۈز بەرگەن قورغاس چېگراسىدىكى جېدەلدىن كېيىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چېگرا ئوچۇق ھالەتتە قالدى. 1962-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى غۇلجا شەھىرى قاتناش بېكىتىدە 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىدىغان ئاپتوبۇس تەلەپ قىلىپ يۈز بەرگەن «29-ماي توپىلىڭى» غىچە، چېگرادىن قاچقانلار بارغانچە كۆپىيىپ باردى. بۇ چاغدا تولى، شىخۇ، ساۋەن، بورتالا، جىڭ ناھىيەلىرىمۇ قوشۇلدى. قېچىپ كەتكەن ئاھالە 61 مىڭ، ھەيدەپ كېتىلگەن چارۋا مال 230 مىڭ، تاشلاپ كېتىلگەن تېرىلغۇ يەر 600 مىڭ مودىن ئېشىپ كەتتى» دېيىلگەن.
خىتاي ماتېرىياللىرىدا دېيىلىشىچە، 1962-يىلى 31-ماي كۈنى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسى تاقالغاندىن كېيىنلا چېگرادىن قېچىش ۋەقەسى ئاياغلاشقان. ج ك پ نىڭ رايوندىكى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ياڭ شاڭكۈن بۇ مەسىلىگە قارىتا يۇقىرىغا يازغان دوكلاتىدا «چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى بەكلا جاپادا قالدى، ئۇلارنىڭ يەيدىغان تامىقى ئازايدى، كىيىدىغان كىيىملىرىمۇ ئىلگىرىكىدىن ئاز قالغاچقا توپىلاڭ يۈز بەردى» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆزلەر كېيىنكى يىللاردا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى كۆپلىگەن يازمىلاردا نەقىل ئېلىنغان.
نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە پائالىيەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1959-1960يىللاردىكى «ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى» ۋە 1962-يىلدىكى «29-ماي غۇلجا قانلىق ۋەقەسى» شۇ يىللاردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي زىيانكەشلىكى ۋە 1959-1960-يىللاردىكى ئاچارچىلىق ۋەقەسى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئىكەن.
قەھرىمان غۇجامبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1962-يىلدىكى «ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى» ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قاچقان خەلقنىڭ 80 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولۇپ، قاچقانلارنىڭ 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ھەتتا شۇ چاغدا چېگرادا ئىشلىگەن خىزمەتچىلەر بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قاچقان خەلقنىڭ 200 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
