«كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش كۈنى» دە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر تەنتەنە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيى» (VOC) دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىنسانلارنى خاتىرىلەش ھەم شۇنداقلا ھېلىھەم بۇ مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بىر تەتقىقات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى. بۇ ئورگان ھەر يىلى 7-نويابىر كۈنىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 100 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى خاتىرىلەيدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىپ، ئۇنى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىل ئۇلار 7-نويابىردىكى بۇ خاتىرە كۈنىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن يەنى بۇ مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈر ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئارقىلىق خاتىرىلىدى.

بىز 7-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيى» (VOC) بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خەلقئارالىق كۈلتۈر ۋە يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى» پائالىيەت مەيدانىغا بارغىنىمىزدا ئۆتمۈشتىن-بۈگۈنگىچە ئوخشىمىغان جايلاردىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ قولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ھېلىھەم ئۇچراۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم بۆلمىلەر تەييارلانغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە بۇ مىللەتلەرنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ تىزىلىپ كەڭ ئىشتىراكچىلارغا سۇنۇلغانلىقىنى كۆردۇق.

بىز پائالىيەت مەيدانىدا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيىنىڭ باشلىقى ئاندرۇ بىرىمبېرگنى (Andrew Bremberg) زىيارەت قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىملىق كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنىنى بۇنداق پائالىيەت ئارقىلىق كۈتۈۋالغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى:

«كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەر ۋەيران قىلماقچى بولغان مەدەنىيەتلەرنى خاتىرىلەيدىغان ۋە تەنتەنە قىلىدىغان بۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق كۈن بولمىسا كېرەك. بىلگىنىڭىزدەك، كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەر دائىم ئىنسانلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە تارىخىي مەدەنىيەتلىرىنى يوق قىلىشقا ياكى ئۇنى كوممۇنىستىك ئىدىيەلەر بىلەن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگە قەدەر 20 دىن ئوشۇق مىللەت مانا مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ھېلىھەم ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ يەردە ئىنسانلىققا ئورتاق بولغان يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئارقىلىق كۆپ خىللىقنى، پەرقلىق مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئەزالىرى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيىنىڭ باشلىقى ئاندرۇ بىرىمبېرگنى (Andrew Bremberg) بىلەن بىللە. 2023-يىلى 7-نويابىر، ۋاشىنگتون.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئەزالىرى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيىنىڭ باشلىقى ئاندرۇ بىرىمبېرگنى (Andrew Bremberg) بىلەن بىللە. 2023-يىلى 7-نويابىر، ۋاشىنگتون.

دەرۋەقە، بۇ يېمەك-ئىچمەك پائالىيىتىدە بۇلغارىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، ۋېنگىرىيە، ئۇكرائىنا، رۇمىنىيە ئەلچىخانىلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا يەنە كۇبا، كورېيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلاتلاردىن بولۇپ 20 دىن ئوشۇق ئورۇن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە خاس يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تەييارلاپ كەلگەن. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، ئەتلەسلىرى ۋە دوپپىلىرى بىلەن بېزەلگەن ئۈستەلدە مېھمانلارغا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەقدىم قىلغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ئورگاننىڭ تۇنجى قېتىملىق مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭدار مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سورۇن، دەپ قاراپ بۇنىڭغا قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيىنىڭ باشلىقى ئاندرۇ بىرىمبېرگ پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرىغىمۇ داخىل بولدى. ئۇ سۆزىدە مەدەنىيەتنىڭ ھەربىر ئېلېمېنتىنى ياشنىتىشنىڭمۇ ماھىيەتتە زۇلۇمغا قارشىلىق قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق يېمەك-ئىچمەك، سەنئەت، تىل، دىن دېگەنلەر كوممۇنىستىك رېجىمغا قارشى تىركىشىشنىڭ كىچىك ھەم ئاددىي يوللىرى. بىز بۇندىن كېيىن يەنە سەنئەت، مۇزىكا پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇنى تەكىتلەشنى كۆزلەۋاتىمىز. »

پائالىيەتكە يەنە «تەيۋەندىكى ئەركىنلىكنى قوغداپ قېلىش» تەشكىلاتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ناتالى چيەن بۇ توغرىسىدا بىزگە ئايرىم چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ يەرگە تەيۋەنلىكلەر ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەركىنلىكنى خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «بىز تەيۋەنلىكلەر شەرقىي تۈركىستاننى ۋە تىبەتنى قوللايمىز. بىز ھەممىز كوممۇنىستىك خىتاي رېجىمىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بەن توما (Ben Toma) مۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كوممۇنىستىك رېجىمدىن قېچىپ كەلگەن بىر ئائىلىنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن دۇنيادا ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ بۇندىن كېيىنمۇ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرگە قارشى تۇرۇشىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

سائەت تۆتتە باشلانغان مەدەنىيەت پائالىيىتى ئەنە شۇ خىل قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە كەچ سائەت سەككىزگىچە داۋام قىلدى. پائالىيەت ئۆز نۆۋىتىدە ئاددىيلا يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ نامايان قىلىنىشى بولۇپ قالماستىن، يەنە ھەر ساھە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى جانلىق دەرسخانا بولدى.