كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا قول سېلىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىنىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشى جىددىي داۋام قىلماقتا.

مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي دائىرىلىرى بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتىدا تور چولپانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاينىڭ «دوۋيىن» سۇپىسىدا بىر خىتاي ۋىلوگېرنىڭ، ئۈستى-بېشىغا خىتاينىڭ چاڭچىلە پاسونىدىكى كىيىملىرىنى كىيگەن بىر توپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋىدىيوسىنى تارقاتقانلىقى بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر.

بۇ ۋىدىيو فۇجيەنلىك «لۇبەي كەلدى» (路白来了) نامىدىكى بىر خىتاي ۋىلوگېرنىڭ «دوۋيىن» سۇپىسىدا تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ «جىڭجۈ تىياتىر» ىنى ئورۇنلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن «قىزغىن پاراڭلىشىپ»، بۇ گۆدەك قەلبلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلغانلىقى، ئۇلارنى كوللېكتىپ رەسىمگە تارتىپ، ھەر بىرەيلەنگە بۇ رەسىمنى رامكىغا ئېلىپ سوۋغا قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بۇ ۋىدىيوغا قارىتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلار جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە كىچىكىدىن تارتىپلا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم فېيىسبۇك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىنىۋاتقان بۇ ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى چاڭچىلە ئېيتىش، خىتايچە ھۆسنخەت يېزىش، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، قەغەز قىيىش، قەدىمكى خىتاي سازلىرىنى چېلىش، خىتاينىڭ تاڭ ۋە سۇڭ دەۋرى نەزملىرىنى يادلاش قاتارلىقلارغا تەشكىللەپ، رايوندا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى كۈنسايىن كۈچەيتمەكتە ئىدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى، يازغۇچى خې ئەنچۈەن بۇ ۋىدىيودا خىتاينىڭ چاڭچىلە كىيىملىرىنى كىيگەن ئۇيغۇر گۆدەكلەرنى كۆرگەندىن كېيىن تولىمۇ بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئالدى بىلەن بۇ ئوچۇق-ئاشكارا مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىدۇر. چۈنكى جىڭجۈ تىياتىرى خىتاي تىياتىر سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى. شۇڭا ياش-ئۆسمۈرلەرگە خىتاي تىياتىر سەنئىتىنى ئۆگىتىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك نامايەندىسىدۇر. ئەمما بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، خىتاي ھازىر كىشىلىك دۇنيا قارىشى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ گۆدەك ھېس-تۇيغۇلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇلارنى بۇ خىلدىكى جىڭجۈ تىياتىرىغا قىزىقتۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياش-ئۆسمۈرلەردۇر. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆزگەرتىشنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈشنىڭ بىرىنچى بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ياشلارنى نىشان قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر يۈزلىنىش بولۇپ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا قول سېلىۋاتىدۇ».

دەرۋەقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى «جىڭجۈ» تىياتىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغا ئېلىپ كىرىش، ‹چاڭچىلە› تىياتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش پىلانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەتتا سەنئەت ئىنستىتۇتلاردا مەخسۇس «جىڭجۈ» تىياتىرى كەسپى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، ۋىدىيودىكى خىتاينىڭ چاڭچىلە كىيىملىرىنى كىيگەن بىر توپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ رايونىدا «يېڭى نەسىللەر» نى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىلى، تارىخىي ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى ‹يېڭى ئىنسانلار› غا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلارنى كونترول قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمەنكى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى پەقەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش بولماستىن، بارلىق كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاشتۇر. بۇ ۋىدىيوغا كەلسەك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاينىڭ جىڭجۈ تىياتىرىنى ئۆگىتىشى 2011-يىلىدىلا باشلانغانلىقى مەلۇم. چۈنكى ئەينى يىللاردا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان ئاتالمىش ‹شىنجاڭ سىنىپ› لىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگىنىش كۇرسلىرى تەسىس قىلىنغان. دېمەك، خىتاي كومپارتىيەسى خېلى بۇرۇنلا سەنئەت مائارىپى ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ، كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇلارغا سىڭدۈرۈشكە باشلىغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ياش ئەۋلادلارنى كوممۇنىزمنىڭ قۇلى قىلىپ تەربىيەلەش نىشانى بەكمۇ قورقۇنچلۇق.»

رەھىمە مەھمۇد خانىم خىتاينىڭ نۆۋەتتە «دوۋيىن»، «تىك-توك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «تور چولپانلىرى» دىن پايدىلىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھەرگىزمۇ يوقىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى چاڭچىلە ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ، بىر ياقتىن خىتايلارنى ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى بۇزۇش، شالغۇتلاشتۇرۇش، ھەتتا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر روشەن ئىپادىسى دەپ كۆرسەتمەكتە.