تارىخچىلار: «كۈسەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيى» خىتاينىڭ تارىخنى ساختىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر سەپسەتە ئورنى
2024.07.19

خىتاي دائىرىلىرى 15-ئىيۇل كۇچادا تۇنجى يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغانلىقىنى جاكارلىدى. تارىخچى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار بۇنىڭ تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولمىغان سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ مۇزېينىڭ تارىخنى ساختىلاشتۇرۇش، ساختا تارىخ تەشۋىقاتى قىلىشتىكى يېڭى بىر ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 15-ئىيۇل كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان «كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيى» نى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋەتكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «كۇچا شەھىرىدىكى كۇچا ۋېي جىن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، يەنى كۇچادىكى دوستلۇق يولى قەبرىستانلىقى شىنجاڭدا بايقالغان تۇنجى خەن سۇلالىسى ئۇسلۇبتىكى خىشتىن ياسالغان قەبرە بولۇپ، بۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شەكلى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك. بۇ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. شۇنداقلا ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ قىممەتلىك ۋە كۈچلۈك ئىسپاتى. بۇ، تارىخنى قوللاشتا ۋە تارىخنى تولۇقلاشتا گەۋدىلىك رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ‹2007-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش› نىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان» .
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «كۇچا قەدىمكى قەبرىستانلىقى خارابىسى» خىتاي تارىخلىرىدىكى ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ، يەنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولالامدۇ؟ خىتاينىڭ قەدىمكى زاماندىكى بۇ دەۋرىدە نەچچىلىگەن سۇلالىلەر بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان تۇرسا قانداقمۇ بىرەر مەركىزىي ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسۇن؟
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور قاھار بارات رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يۇقىرىدىكى ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن دېگەن پىكىرگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە مەركىزى ھۆكۈمەت بولمىغان. خىتاي پارچىلانغان، خىتاي مەدەنىيىتى يوقىلىش گىردابىغا چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى شىمالدىكى مىللەتلەر تەرىپىدىن ئېگىلىۋېلىنغان» .
مەزكۇر خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «قەبرىگە ئاق يولۋاس، قىزىل باش قۇشقاچ، تاشپاقا ۋە يىلاندىن تەركىب تاپقان جانلىقلار، يەنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئەپسانىۋى ھايۋانلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان. بەزى قەبرىدە ياتقانلارنىڭ ئاغزىدا ياكى قولىدا تەڭگە بار. بۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قەبرىلەر بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك، خىشتىن ياسالغان قەبرىگە دەپنە قىلىنغان نۇرغۇن ساپال بۇيۇملار، سۆڭەك قاچا، تەڭگە قاتارلىقلار ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئىسپاتلار ھېسابلىنىدۇ».
ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پىروفېسسورى سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ (Saadettin Yağmur Gömeç) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ قەبرىگە ئويۇلغان ئاق يولۋاس، قىزىل باش قۇشقاچ، تاشپاقا ۋە يىلان شۇنىڭدەك بۇ مۇزېي ھەققىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىرلەر توغرىسىدا كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:
«يىلان، يولۋاس، قۇش باشقا ئەپسانىۋى جانلىقلار پەقەت خىتايلارغا تەۋە مەدەنىيەت ئېلېمېنتى ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق خەلقلەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ئوخشاش ئۇسلۇبتىكى لايدىن ياسالغان خىش مۇنار، قەلئە ۋە قەبرىلەر تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەسىردىكى ھون سۇلالىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ مۇزېيىدا كۆرسىتىلگەن بۇ خىل خىشتىن ياسالغان يەر ئاستى قەبرىلىرى ئالتاي رايونى ۋە گوبى چۆلى ۋە بۈگۈنكى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار ياشىغان رايونلاردا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتايلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قاراشلار پەقەت ئىلمىي دەلىللەردىن كەمچىل بولغان سەپسەتىدىن ئىبارەت».
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارشى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «قەبرىلەرنىڭ خىشتىن ياسىلىشى ۋە قەبرىلەرگە ئويۇلغان جانلىقلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قەبرىلەردىكى بىلەن ئوخشاشلىقى شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ۋە قويۇق ئالاقىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. خىتايلار شەرقى تۈركىستان تارىخىنى بىر پۈتۈن ئانالىز قىلماي تارىخى بۇيۇملارنى تاللاپ ئىزاھلاپ خاتا يەكۈن چىقارغان».
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مەزكۇر مەخسۇس خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىق مۇزېيى. بۇ مۇزېي قەدىمىي قەبرە توپىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنىڭ تولۇق ھەم رەقەملىك بۇلۇت كۆرگەزمىسى، VR ھېس قىلىش قاتارلىق رەقەملەشكەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، قەدىمىي كۈسەن رايونىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تۇرمۇش قىياپىتىنى جانلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى».
ئۇنداقتا رەقەملەشكەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن بۇ مۇزېي خىتاي دېگەندەك قەدىمىي كۈسەن رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتى ۋە تۇرمۇش قىياپىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەمدۇ؟
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۈسەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت پاكىت ۋە ئىسپاتلار ئارقىلىق ھەقىقىي تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئەمەس. ئەكسىچە، قەستەن تارىخنى بۇرمىلاپ شەرقى تۈركىستان قەدىمدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى بولغان، ھازىرمۇ شۇنداق. مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ دېگەن ئاساسى بولمىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئىلمى ئەمەس. تەشۋىقاتتىن ئىبارەت».
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا قەشقەردە ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى»، شۇنداقلا «پۈتۈن رايوننى خىتاينىڭ گەۋدىسىگە قوشقان ۋە بىرلىككە كەلتۈرگەن ئامىل دەل خىتاي مەدەنىيىتى» دېگەن سىياسىي نۇقتىئىنەزەرنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
ئالدىنقى يىلى دېكابىردا خىتاي ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى، قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ بېيجىڭدا مەخسۇس «چېگرا رايون ئارخېئولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچقانىدى. يىغىندا، چېگرا رايونلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئارخېئولوگىيەنى قانداق قىلغاندا سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئېڭى بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە كۆرسەتمە بېرىلگەنىدى.