گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى: «مەن تۇرغان ئاياللار لاگېرىدا 18 مىڭ كىشى بارلىقىنى باشلىقىمىزدىن ئاڭلىدىم»
2019.05.02

لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان گۇۋاھلىق باياناتىدا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ لاگېردا تۇرغان ئىككى يىل جەريانىدا لاگېرنىڭ باشقۇرۇلۇشىدىكى قاتتىق مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن ئۆزى قاتناشقان دەرسخانىدىكى تۇتقۇنلاردىن پەقەت 50 نەچچە كىشىنىلا كۆرگەن. ئەمما ئۇ لاگېر مەسئۇللىرىدىن بولغان بۇئايشەم دېگەن ئايالنىڭ ئېغىزىدىن مەزكۇر لاگېردا 18 مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان. سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن باشقا غۇلجىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب تارىخىنىمۇ نەزەردە تۇتقان ھالدا پىكىر بايان قىلىپ، گۈلزىرە ئاشكارىلىغان مەزكۇر سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تىلغا ئالدى.
قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئۆتكەن كۈنى يۇتۇب قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزى تۇرغان لاگېردىكى ئادەم سانى ھەققىدە دىققەتكە سازاۋەر بىر رەقەمنى ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتتا دېيىلىشىچە، گۈلزىرە لاگېردا 20-30 چە كىشى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان. 50 چە كىشى بىلەن بىر سىنىپتا «تەربىيە» ئالغان. ئەمما لاگېر ھەربىيچە تۈزۈمدە باشقۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزى تۇرغان ياتاق ۋە ئۆزى دەرس ئاڭلىغان سىنىپتىكىلەردىن باشقىلارنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ پەقەت مەزكۇر لاگېرنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن بۇئايشەم دېگەن ئايالنىڭ ئېغىزىدىن شۇ لاگېردا 18 مىڭ كىشى بارلىقىنى ئاڭلىغان. ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا دەل شۇ گۈلزىرە ياتقان لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر خادىم غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بېيسەنپو دېگەن يېرىدىكى، يەنى دۆڭمەھەللە ئەتراپىدىكى بۇ لاگېرنىڭ مەخسۇس ئاياللار لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ يەردە قانچىلىك ئايالنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن مەلۇمات بېرەلمىگەن ئىدى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا 19 يىل ياشىغان ۋە 2014 -يىلى تايلاندقا قېچىپ چىققان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ سابىق ئەسكىرى لى نەنفېي يېقىندا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى مەزگىلىدە پارتىيە مەكتەپ ئەتراپىدا سېلىنىۋاتقان كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بىر تۈرمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى، غۇلجا شەھىرىدە مۇشۇنداق چوڭ تۈرمىدىن ئۈچى بارلىقى ۋە بۇلارغا 150-160 مىڭ ئارىسىدا كىشى سىغىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بەزى سۈرەت ۋە سىن ئۇچۇرلىرىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتەشۇئار قاتارلىق ئاۋات مەھەللىرىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ 2017-يىلدىكى ئومۇمى نوپۇسى 430 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ نوپۇسى جەمئىي 260 مىڭ ئىكەن، ئاياللارنىڭ نوپۇسى بولسا 125 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شاھىت گۈلزىرە تىلغا ئالغان مەزكۇر سانلىق ئۇچۇرغا ئىشەنچلىك دەپ باھا بېرىش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاياللاردىنلا ئاز دېگەندە 15پىرسەنتىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلگىرى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر رايوندىكى تۇتقۇنلار سانىنىڭ 3 يېرىم مىليون بىلەن 5 مىليون ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن باشقا غۇلجىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب تارىخىنىمۇ نەزەردە تۇتقان ھالدا پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى گۈلزىرە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ساننىڭ بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە بەزى دۆلەت ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان سانلار بىلەن پارالېللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، يەنى زىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى بۇ قېتىمقى باياناتىدا ئاشكارىلىغان تەپسىلاتلار ئارقىلىق ئىلگىرىكى شاھىتلاردىن ئۆمەر بېكئالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا ئاشكارىلىغان لاگېرلارنىڭ ئىچكى تۈزۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.