يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، غۇلجىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە يېشى 80 دىن ئاشقان بىر پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىنىڭ لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. يېقىنقى بۇ خىل پاكىتلار، لاگېردىكى ياشتا چوڭلارنىڭ پەقەت ئۆلۈم گىردابىغا كەلگەندىلا قويۇۋېتىلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ بۇرىلىۋاتقان كىشىلەر ئىچىدىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما بۇلارنىڭ ئورنىغا يەنە باشقىلارنىڭ سولىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، زادى قانداق كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقى نامەلۇم ئىدى. جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە لاگېردىكىلەر ئىچىدە ياشلاردىن ئاتالمىش مەسىلىسى ئېغىرلارنىڭ كۈچەيتىپ تەربىيىلەش نامى ئاستىدا كېسىۋېتىلىپ بارغانلىقى ۋە خېلى بىر قىسمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ياشانغانلار ئىچىدە كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئۆلۈم گىردابىغا كەلگەنلەرنىڭلا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يېقىندا چاپچال ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى چاپچالنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى تۇرغۇن جاپپارنىڭ لاگېردىن چىقىپ بىر ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. تۇرغۇن جاپپار ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم، ئۆزىنىڭ خىزمەت جەريانىدا تۇرغان جاپپارنىڭ ئۆلۈمىگە قاتناشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، 25 يىل ئاۋۋال پېنسىيىگە چىققان تۇرغۇن جاپپارنىڭ 10 يىل ئاۋۋال ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلىرىغا 1945 -يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىنتىزامچانلىقى ھەققىدە گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرگە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. ئالاقىدار خادىملار تۇرغۇن جاپپارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئۇزىغانلىقى، ئۆلۈم مۇراسىمىغا ئىنتايىن ئاز ساندا كىشى قاتناشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تۇرغۇن جاپپارنىڭ لاگېردا ئېغىر كېسەل ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. ئالاقىدار خادىم، تۇرغۇن جاپپارنىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن بۇنىڭدىن 3 ئاي ئاۋۋال ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما يەنە بىر ئالاقىدار خادىم، تۇرغۇن جاپپارنىڭ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋال غۇلجىدىكى بىر تەربىيىلەش مەركىزىدە بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۆتكەن يىلى قەشقەر نەشرىياتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بىر پېشقەدەم كادىرنىڭمۇ كېسىلى ئېغىرلاشقانلىقى سەۋەبلىك ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى، ئازراقلا ياخشىلانغاندا يەنە لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغانىدى. ئۆتكەن ئايدا ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمەمەت توختىنىڭمۇ لاگېردا كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئۆيىگە چىققاندا، بىر ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقى دەلىللەنگەنىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا لاگېردىكى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى ئېغىرلىشىپ ئۆلۈم گىردابىغا بارغان چاغدىلا قويۇۋېتىلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.