قازاقىستانلىق سەدىردىن بىلەن ئاتۇشتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇيەسسەر مۇھەممەت مىسىردا ئوقۇش جەريانىدا تونۇشۇپ توي قىلغان ۋە قازاقىستاندا بەختلىك بىر ئائىلە قۇرغان. 2016-يىلى 9-ئايدا ئاتۇشتا دادىسىنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان مۇيەسسەر 3 بالىسىنى ئېرىگە قويۇپ، يۇرتىغا قايتقان. بۇ چاغدا ئۇ 4-پەرزەنتىگە ھامىلىدار ئىدى.
مۇيەسسەر ئاتۇشقا قايتقاندىن كېيىن لاگېرغا قامالغان. قازاقىستاندا تۇرۇپ ئايالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان سەدىردىن بۇ نۆۋەت بىر تونۇشى ئارقىلىق مۇيەسسەرنىڭ لاگېردىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى ۋە بىر فابرىكىدا ئىشلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
سەدىردىن ئايالىنىڭ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ چوڭقۇر ئازابلانغان. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئايالىم لاگېردىن چىقىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېقىنقى سۈرەتلىرى بالىلىرىمنىڭ ئانىسىغا ھېچ ئوخشىمايدۇ. ئۇ خۇددى بىزنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك! . . . ،» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00