كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي لاگېرنى ئىنكار قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىنى چاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.10.15
pompeo-uyghur-mesilisi-vatikan-zumret-dawut.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى كاتولىك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى مەركىزى بولغان ۋاتىكاندا زۇمرەت داۋۇتنىڭ لاگېر توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنى مىسالغا ئېلىپ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرمەكتە. 2019-يىلى 2-ئۆكتەبىر.
REUTERS

خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 13-ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنىڭ سىڭلىسى زۇمرەت ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا قارىتا ئېيتقان ۋىدىيولۇق بايانلىرى ئاساس قىلىنىپ، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېيتقان ئۆزىنىڭ ئىلگىرى لاگېرغا قامالغانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلىرى ئىنكار قىلىنغان. ماقالىدە زۇمرەت داۋۇت يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا «زۇمرەتتىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، كىشىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇش» دېگەندەك ئەيىبلەش سۆزلىرى بىلەن ئاشكارا ھۇجۇم قىلىنغان.

بۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە شەخسىي ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئەمەس. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن ھەپتە بەرگەن باياناتلىرىدا كەينى كەينىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان ئىدى. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ 9‏-ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلىغان، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتىگە قارىتا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى غايەت زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدۇر» دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9‏-سېنتەبىر كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، مايك پومپېيونى ئۇيغۇرلار ھەققىدە «مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سۆزلىدى» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئارقىلىق تۇنجى قېتىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشىمۇ ئەمەس ئىدى. «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بۇلتۇر 28-نويابىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئامېرىكىدىكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ «پۈتۈنلەي يالغان بىر ھېكايىنى توقۇپ چىققانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» شۇ چاغدا مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى خەۋەر قىلغان غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىمۇ تەرەپبازلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئارقىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21‏-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ 2015‏-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان 3 كېزەك بوۋىقى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىگە قامىلىپ، ئېغىر تەن جازاسى ھەمدە خورلاشقا ئۇچرىغانلىقى، بىر بالىسىنىڭ جەسىتىنى بەرگەنلىكىدەك ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئىنكار قىلغانىدى.

خىتاي، ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مېھرىگۈل تۇرسۇن ھەققىدە ئىشلىگەن بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەن تەڭ مېھرىگۈلنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئاپىسىنى، مېھرىگۈلنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنكار قىلدۇرۇپ سۆزلەتكەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋە ئۆزىنىڭ سىڭلىسى زۇمرەت داۋۇتقا قارشى سۆزلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئۇيۇشتۇرغان يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلدۇرۇشى دەپ قارىماقتا. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىنى دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ خىتاينىڭ يالغانلىرىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىسا، خىتاينىڭ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ: «خىتاينىڭ بۇ خىل ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئىنكاسى، پەقەت ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ خالاس. خىتاي ھەر قانچە ئىنكار قىلسىمۇ لاگېرلارنى يېپىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدى» دېدى.

ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى 20 دەك يەرلىك ج خ ئىدارىسىگە ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان 8 خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىن يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشقا چېتىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئىمبارگوسى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى غەيرىي رەسمىي شەكىلدىكى نارازىلىق ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم خىتاينىڭ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ ئۇلارغا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك يۈرگۈزۈۋاتقان تەھدىتلىرى گەرچە خەلقئارالىق ئاخباراتلارنى ئالداشتا ئىشقا يارىمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارغا پسىخىكىلىق زەربە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بەزىلەرنىڭ ئۆزلىرى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ھەرىكەت قىلىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. زۈبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ۋە ياكى ئۆز ئائىلىسى ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈشى خىتاينىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى توپلاپ ئارخىپلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەلدىكىلەرنىڭ، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ، بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلغان بىر پەيتتە يەنە ئۆزىنىڭ چەتئەل ئاخباراتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات قىلىشى بىلەن، دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرى يەتكۈزۈپ قويۇۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى تىك-تاك قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاتقان ئۇن-تۈنسىز ئازابلىق نىدالىرى ئىپادىلەپ بېرىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.