ئېتان گۇتمان: «لاگېرلاردىن ھەر يىلى تىرىك ئورگانلىرى ئېلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 35 مىڭغا بېرىشى مۇمكىن»
2023.12.29
ساق ئادەمنىڭ ئىچكىي ئەزالىرى، يەنى ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ، كېسەل ئادەمنىڭ بەدىنىگە كۆچۈرۈش ئەسلىدە دۇنيادا مېدىتسىنا ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزىدىغان بىر پائالىيەت بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بارغانچە كەسىپلەشكەن پۇل-ھوقۇق سودىسىغا، ھەتتا خەلقئارالىق جىنايەتكە ئايلانغانلىقى، كوممۇنىست خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدا باش رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى بۇ يىل 9-دېكابىر كۈنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە 7- نۆۋەتلىك «خىتاي خەلقئارالىق ئورگان ئىئانە قىلىش يىغىنى» ئېچىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنىدى. بۇ يىغىندا خىتاي تەرەپ ھەر يىلى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئورگان ئىئانە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئورگان سانى بويىچە ئاسىيادا بىرىنچى، دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلدىن 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خىتايدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئۆلگۈچى يۈرەك، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى قاتارلىق ئاساسلىق ئورگانلىرىنى جەمئىيەتكە ئىئانە قىلغان، توپلانغان ئورگان سانى 120 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئورگان كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى (COTDF) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 6 مىليون 550 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆزلۈكىدىن ئەزا ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتقان. خىتايدا ھازىر يۈرەك ۋە ئۆپكە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان 70 نەچچە دوختۇرخانا بار بولۇپ، ئىئانە قىلىنغان ئورگانلارنىڭ سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا يەتمەيدىكەن.
ئەمما خىتايدىكى قەبىھ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئاشكارا ياكى مەخپىي بولسۇن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، فالۈنگۇڭچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھبۇسلار، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر، تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگان تەمىنلەيدىغان مەنبە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى ئىزچىل دىققەت قوزغاۋاتقان، ئەمما خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق مەخپىي تۇتۇلۇپ كەلگەن قاراڭغۇ ساھە بولۇپ كەلمەكتە.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى قەبىھ ئورگان سودىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن باشقا، كولورادو شتاتى ئېچىلغان تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ-كۆلەمدە تۈرمە-لاگېرلارغا قامىلىپ، بىر قىسمىنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىنى ئاڭلاتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: « 2023-يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ‹ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى› ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ سۇنۇلۇشىدا رول ئوينىدىم. چۈنكى مەن قازاقىستاندا بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ، بىر قىسىم گۇۋاھچىلارنى زىيارەت قىلدىم. بۇ چاغدا قازاقلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى لاگېردا ئىدى. لاگېردىن چىقىپ قازاقىستانغا كەلگەنلەرنى بىرمۇ بىر زىيارەت قىلىپ، لاگېردا يوقاپ كەتكەنلەر توغرۇلۇق ئەھۋال ئىگىلىدىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، يېرىم كېچىدە ئېلىپ كېتىلگەنلەر 28، 29 ياشلاردىكى كىشىلەر بولۇپ، خىتاينىڭ نەزىرىدە بۇ دەل تىرىك ئورگان ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. مەن ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلار گۇۋاھچىلارنىڭ پەرىزى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، يەنى ھەر يىلى لاگېرلاردىن تىرىك ئورگان ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنلەرنى 35 مىڭغا بارىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. دەنۋېردە ئۆتكۈزۈلگەن ‹يۈرەك، ئۆپكە كۆچۈرۈش خەلقئارالىق يىللىق يىغىنى› دا تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى دوكلات قىلدىم، ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان 4000 دەك دوختۇر نەق مەيداندا ئۇنى ئاڭلىدى».
تەتقىقاتچى ئېتان گۇتمان يەنە تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تىرىك ئورگان ئېلىش جىنايىتى بىلەن چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، تاجىكىستاندىن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسى. تاجىكىستان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان بىردىنبىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى، شۇڭا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تاجىكىستاندا بولغان ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما كىم تاجىكىستاندىن قوغلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوغلىنىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ باقتى؟ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تاجىكىستان بازىرىدا ئىش-ئوقەت قىلىدىغانلار، ئۇلارنىڭ 85 پىرسەنتى خىتايغا قايتۇرۇلدى، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئۇلاردىن تەخمىنەن 2500 ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلدى. قىرغىزىستاندىمۇ شۇنداق ئەھۋال يۈز بەردى، بەلكى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپرەك بولۇپ، 4700 دىن 5000 گىچە ئادەمدىن 4216 ئادەم غايىب، يەنى 87 پىرسەنت ئادەم يوق قىلىۋېتىلدى دېگەن گەپ. مانا بۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن ئىشلار، قازاقىستان ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتىم يوق، ئەمما ئىشىنىمەنكى، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۆزىلا چوڭ پاجىئە ۋە بالاسى ئاپەتتىن دېرەك بېرىدۇ».
12-ئاينىڭ 28-كۈنى، خىتايدىكى قورقۇنچلۇق ئەزا كۆچۈرۈش توغرىسىدا «دويىن» دا تارقىلىپ X دا ئېلان قىلىنغان ۋىدىيودا، ھازىر خىتايدا ئىچكى ئەزالارنى ۋاقتىدا سۇغۇرۇپ ئالالايدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئازلىقى، شۇڭا خىتايدا 2022-يىل 12-ئايدىن باشلاپ مەخسۇس شۇنداق ئادەملەرنى تەربىيەلەيدىغان ئورۇندىن 22 سى قۇرۇلغانلىقى، بىر ئورۇندا 100 ئادەم تەربىيەلەندى دېگەندىمۇ، 2000 ئادەمنىڭ ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش باشلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھەر قانداق جايدا ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ، مەخسۇس ئىچكى ئەزا ساقلايدىغان ساندۇققا قاچىلاپ، دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان. يوقاپ كېتىۋاتقان بالىلار ۋە باشقا ئادەملەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال قويۇلغان. خىتايدا ئۆزلۈكىدىن ئەزا تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزلۈكىدىن ئىچكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش، ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان؛ ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ۋە قاتىللىقىنى يوقاتقاندىلا، خىتايدىكى ياشلارنى بالىلىق بولۇشقا قىزىقتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىقىۋاتقان ئورگان ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئىسمى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ جىنايەتنىڭ خىتايدا نورمال تىجارەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ دۇنياغا يامرىشى ۋە نورمال دەپ قارىلىشىدا، مېدىتسىنا ساھەسىدە ھەقىقەت دەپ قارىلىۋاتقان «مېڭىنىڭ ئۆلۈمى ھەقىقىي ئۆلۈم» دېگەندەك خاتا چۈشەنچىلەرنىڭمۇ رول ئويناۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن مېڭىسى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشلەشتىن توختاپ قالغان ئىنسانلارنىڭ سوقۇۋاتقان يۈرىكى يۈرىكى ۋە نەپەس ئېلىۋاتقان ئۆپكىسىنىڭمۇ سۇغۇرۇپ ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.