لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى
2021.04.30
لاگېر قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتايغا قارشى ھەر خىل نامايىش ۋە نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىماقتا.
29-ئاپىرىل كۈنى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلغان ماشىنىلارنى ھەيدەپ ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا قىرغىقىنى ئايلانغان. پائالىيەتچىلەر ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈك چەكمەجە رايونىدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پلاكاتلار ئورنىتىلغان 30 دىن ئارتۇق ماشىنا بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا بۆلۈكىدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
پائالىيەتچىلەر سارىيەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى جايلاشقان كوچىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلغان.
پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى قاتناشقان. پائالىيەت جەريانىدا تۈرك خەلقىنىڭ قىزغىن ياردىمى ۋە قوللىشى پائالىيەتچىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن.
مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: «تۈرك خەلقى بىزنىڭ يېنىمىزدا، بىز بۇ زۇلۇمنىڭ توختىشى ۋە گۇناھسىز ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۈرىشىمىزنى ھەرگىز توختاتمايمىز.»
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن ئالىمجان تۇردى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 18-دېكابىر باشلانغان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى 120-كۈنىدە تۈركىيەنىڭ ۋاباغا قارشى تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ۋاقتىنچە توختىتىلغان ئىدى. لاگېر قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى ئائىلىلىرى ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە پائالىيەتلىرىنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندى ئىمكانىيەت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، ئىمكانىيەت يارىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتە توختاپ قالماي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، زۇلۇمغا قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-يىلىدىن كىيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلمەكتە.