لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەن ئەر-خوتۇندىن تۇرسۇنجاننىڭ 10 كۈندىن كېيىن جەسىتى چىققان، گۈلبەھرەم تېخىچە ئىز-دېرەكسىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.09.28
lager-saqchi-pos.jpg «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرىنىڭ ئالدىدا پوستا تۇرغان ساقچى. 2018-يىلى 7-سېنتەبىر، خوتەن.
REUTERS

ئەر-خوتۇن تەڭ تۇتۇلۇپ كېتىش، بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكلا ئەمەس، ئاقىۋىتىدىن 3 يىلدىن كېيىنمۇ خەۋەرسىز قېلىش ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار قۇرۇلغاندىن بۇيان مىسالى كۆپ كۆرۈلگەن تراگېدىيەلىك بىر ھادىسىدۇر. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرى 2-كەنت ئەزاسى تۇرسۇنجان ساۋۇت بىلەن ئايالى گۈلبەھرەم 2017-يىلنىڭ بېشىدا بىر كېچىدە تەڭلا تۇتۇپ كېتىلگەن. ساپمىساق ئەكېتىلگەن تۇرسۇنجان ساۋۇتنىڭ 10 كۈندىن كېيىن جەسىتى چىققان ؛ ئەمما، ئايالى گۈلبەھرەمدىن تا ھازىرغىچە ئائىلە ۋە تاۋابىئاتى ۋە مەھەللە-كوي ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

غۇلجا ناھىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىكى بىر كېچىدە 30 دىن ئارتۇق ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ دۆڭمازارنىڭ 2-كەنت 2-مەھەللىسىدە پەيدا بولغان ۋە بۇ مەھەللىدىكى دېھقان تۇرسۇنجان ساۋۇتنىڭ قورۇسىنى قورشاۋغا ئالغان. ئىنكاستا تەسۋىرلىنىشىچە، تۇرسۇنجان ساۋۇتنىڭ قورۇق تېمىدىن ئاتلاپ چۈشكەن 10 نەچچە قارا كىيىملىك ساقچى، بۇ ئۆيدىن ئىككى كىشىنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ چىققان ۋە ساقچى ماشىنىسىغا ئىتتىرىپ سولىغىنىچە يەنە شۇ ئەنسىز سىگناللىرى بىلەن مەھەللىدىن ئايرىلغان. ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە، ئالدىنقى قېتىمكىدەك كۆپ ساندا ساقچى ماشىنىلىرى بۇ مەھەللىدە يەنە بىر پەيدا بولغان. بۇ نۆۋەت ساقچى ماشىنىسىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ئىككى تىرىك جان ئەمەس، ئاق خالاتقا يۆگەلگەن بىر جەسەت ھويلىغا ئېلىپ كېرىلگەن ۋە جەسەت ھويلىدىكى بىرقانچە كىشىگە تۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن تۇرغۇزۇلماستىن، يەنە شۇ ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ نازارىتىدە دۆڭمازار تەۋەلىكىدىكى زاراتگاھلىققا ئېلىپ كېتىلگەن.

بىز ئىنكاستىكى بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دۆڭمازار 2-كەنتتىكى ساقچى خادىمى دەسلەپتە بۇ كەنتتە بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يوشۇرۇشقا تىرىشتى. بىز قولىمىزدىكى ئىنكاسقا ئاساسەن ۋەقە ھەققىدە بىر قىسىم سوئاللارنى سورىغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ كەنتتە تۇرسۇنجان ساۋۇت ئىسىملىك بىرىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇرسۇنجان ساۋۇت لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ 10 كۈندىن كېيىن جەسىتى چىققان. ئۇنىڭ جەسىتى ھويلىسىدا بىرقانچە سائەت تۇرغۇزۇلغان ۋە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىغا يۈز-كۆزى يېپىق ھالەتتە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا زاراتگاھلىققا قويۇۋېتىلگەن.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىش-ئوقىتى بولمىغان، ھەتتا دۆڭمازارنىڭ سىرتىغىمۇ بەك چىقىپ كەتمەيدىغان، باشلانغۇچ مائارىپ سەۋىيەسىگە ئىگە بۇ ئەر-ئايالنىڭ بۇنچە ئەنسىز تۇتۇپ كېتىلىشى دەسلەپتە، بۇ تىمتاس مەھەللىنىڭ ئاھالىلىرىنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان. ئۇلار، ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتكەندە، ساقچى ماشىنىلىرى توختىماي مەھەللىنى كېزىشكە باشلىغان ۋە ئۆي باستۇرۇپ ئاھالىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ناھىيەدە تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئادەم توپلاۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

ئۇلار، ئەمما شۇنىڭدىمۇ كەمسۆز تۇرسۇنجان ساۋۇت بىلەن باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى گۈلبەھرەمنىڭ زادى قايسى قىلمىشى سەۋەبلىك لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغۇدەك دەرىجىدە سوراق قىلىنغانلىقىنىڭ سىرىنى يېشەلمىگەن.

مەزكۇر كەنت ساقچىسى بۇ ئەر-خوتۇننىڭ بىر مەزگىل «ئوقۇپ سالغان» لىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ ئوقۇشنىڭ دىن ئوقۇش ياكى ناماز ئوقۇش ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، تۇرسۇنجاننىڭ ئايالى گۈلبەھرەمنىڭ ناھىيەگە ئەكېتىلگىنىدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئۇچۇر كەنت كادىرلىرىغىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋىئاباتىغىمۇ تا ھازىرغىچە بىلدۈرۈلمىگەن. ھەتتا تۇرسۇنجان ساۋۇتنىڭ جەسىتى ھويلىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇلغان ۋاقىتتىمۇ، ئۇ مەيداندا ئايالى گۈلبەھرەم كۆرۈلمىگەن.

مەزكۇر ساقچى خادىمى گۈلبەھرەمنىڭ تۇرسۇنجاننىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان ۋە زاراتگاھلىققا قويۇلغان مەزگىلدىمۇ گۈلبەھرەمنىڭ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى دەلىللىدى.

غۇلجا ناھىيەلىك مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك تۇتۇلغان ۋە بىرى ئۆلتۈرۈلۈپ، يەنە بىرى غايىب قىلىۋېتىلگەن بۇ ئىككى تۇتقۇننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنجان ۋە گۈلبەھرەمنىڭ 3 پەرزەنتى ۋە بىرقانچە قېرىنداشلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.