3-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021-11-03
Share

1-نويابىر كۈنى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق سەپىرى تۈركىيەنىڭ چورۇم شەھىرىدە باشلاندى.

تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىرىنچى مەنبەدىن بىۋاستە يەتكۈزۈش ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشى ئۈچۈن ئاممىۋىي ئاساس يارىتىش مەقسىتىدە لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى‌» ناملىق ئىككى قېتىملىق پائالىيەت ئوڭۇشلۇق تاماملانغان ئىدى. ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» دە پائالىيەتچىلەر 25 شەھەر، ۋىلايەتنى ئايلىنىپ، مەزكۇر شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ۋە سىياسىي پارتىيەلەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 3-قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» گە ئاتلانغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىللىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

3-قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى چورۇمدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرگەزمە، تەشۋىقات پائالىيىتى، ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ۋە لېكسىيە پائالىيىتى قاتارلىقلار غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتچىلەرنى چورۇم شەھەر باشلىقى كۈتۈۋالغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر چورۇم خەلقىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزغىنلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلاردىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، چورۇم ۋە توكات شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

پائالىيەتچىلەر مەزكۇر شەھەرلەردىكى خەلق مەيدانى ۋە شەھەر باغچىلىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يەرلىك تارتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تارتقان. ئۇنىڭدىن باشقا پائالىيەتچىلەر خەلق مەيدانلىرىدا ۋە مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى چۈشەندۈرۈلگەن تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان.

جەۋلان شىرمەمەت، مەدىنە نازىمى، مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ۋە ھەبىبۇللا كۆسەن قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى تۈرك خەلقى ۋە ئاخباراتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. مەزكۇر پائالىيەتنى تۈركىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ھەر خىل سىياسىي پارتىيەلەر زور كۈچ بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلمەكتە.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىللىرىدىن بىر بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتكە ياردەم قىلغان پۇقراۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياردەملىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر پائالىيەت تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كەڭ خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە جانلىقلىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت