لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.11.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى. 2021-يىلى 20-نويابىر. كارلسرۇخې، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.

Lager-Guwahliq-Berish-Germaniye-202111-02.jpg

لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئاخىرقى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى 20-نويابىر گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. كارلسرۇخې شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ پائالىيەتكە كورونا ۋىرۇسى چەكلىمىسىگە قارىماستىن، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان ۋە ناھايىتى تەسىرلىك بىر پائالىيەت بولغان.

قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى 7-نويابىر باشلانغان بولۇپ، ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان بۇ پائالىيەت گېرمانىيەدىكى 10 شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر پائالىيەت «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى»، «خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان بەزى كىشىلەر شاھىدلارنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن.

Lager-Guwahliq-Berish-Germaniye-202111-03.jpg

ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى ھەپتىلىك بۇ گۇۋاھلىق پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىدى گۇلباھار خاتىۋاجى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ پائالىيەتلەر ئەسناسىدا بەزى گېرمانلارنىڭ «گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىدىن نومۇس قىلغان» لىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

Lager-Guwahliq-Berish-Germaniye-202111-01.jpg

لاگىر شاھىدلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئىلگىرى-كېيىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، رېگىنىسبۇرگ، ئاۋگۇسبۇرگ، ۋۈرسبۇرگ، فرانكفۇرت، گۆتتىنگېن، لايىپسىگ، خاننوۋېر، بېرلىن ۋە كارلسرۇخې شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا چېخىيەنىڭ پراگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.