شاھىت گۈلپىيە قازىبېك: «مېنى ھەممىدىن بەك ئازابلىغىنى ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلار ۋە لاگېردىكى ئاياللارنىڭ ئەھۋالى بولدى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.26
Gulpiye-qazibek-2 گۈلپىيە قازىبېكنىڭ جىاڭسۇنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىلى ئوبلاستلىق 3-قېتىملىق پىلانلىق تۇغۇت تەربىيىلەش سىنىپىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرىتى.
Gülpiye Qazibék teminlidi

غۇلجا ناھىيەسى ئەۋلىيا يېزىسىنىڭ سابىق پىلانلىق تۇغۇت كادىرى گۈلپىيە قازىبېك خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىغا مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى باستۇرۇشتا يۈز بەرگەن نۇرغۇن تراگىدىيەلىك ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان بىر يېزا كادىرى.

ئۇ ‍ئۆتكەن قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە، چوڭ تۇتقۇننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە، بولۇپمۇ ئۇ خىزمەت قىلغان ئەۋلىيا يېزىسىدا قانداق باشلانغانلىقى، چوڭ تۇتقۇننىڭ ئالدىدىكى تەييارلىق باسقۇچلىرىغا دائىر ‍ئۆزى شاھىت بولغان تەپسىلاتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدى.

گۈلپىيە قازىبېك غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئەۋلىيا يېزىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدىكى خىزمەت كىنىشكىسى.
گۈلپىيە قازىبېك غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئەۋلىيا يېزىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدىكى خىزمەت كىنىشكىسى.
Gülpiye Qazibék teminlidi

نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گۈلپىيە قازىبېك بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شاھىت بولغان تراگېدىيەلەردىن ئۆزىنى ھەممىدىن بەك ئازابلىغان ۋەقەلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، چوڭ تۇتقۇنغا 10 مىڭ نوپۇسى بار ئەۋلىيا يېزىسىنىڭ ئۆزىدىنلا ئىككى مىڭدەك ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيە» نامى بىلەن ئاتالغان بۇ باستۇرۇشتا ئۆزىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلىغان ۋەقەنىڭ چوڭ تۇتقۇندا ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلار ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇر ئايال تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا گۈلپىيە قازىبېك ئائىلە مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستانغا چىقىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 1999-يىلدىن باشلاپ غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېزىلاردا پىلانلىق تۇغۇت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن. يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.