تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈللەر-لاگېر شاھىتلىرى بىلەن سۆھبەت (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتقان لاگېر شاھىتلىرى-مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت بىلەن سۆھبەت

مۆھتەرەم رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مارت ئېيى كىرىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنى ۋە رولىغا مەدھىيەلەر سۇنۇلماقتا. 8-مارت دۇنيا خانىم قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەھمىيەتلىك بايرامدا ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بەخش ئەتكەن جاسارەتلىك پىداكار ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىغا تەشەككۈرلىرىنى، مەدھىيەلىرىنى ياغدۇرماقتا.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى گۈل دېسەك، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتتە، ئۆلۈم لاگېرىدىن ھايات قالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىنى تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈللەر دەپ تەرىپلەشكە بولىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ تەھدىت ۋە بېسىملاردىن قورقماي، لاگېردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرىنى ھۆكۈمەتلەرگە، دۇنيا ئاخباراتىغا، خەلقئارالىق ئورگانلارغا مەردانە ھالدا پاكىتلىق جانلىق ئاڭلىتىشى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىي قارشى جىنايەتلىرى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ پاكىتلىرى سۈپىتىدە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدا ئوينىغان تۈرتكىلىك رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

شۇ قەيسەر لاگېر شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا جايلاشقان بوستانلىق چەرچەن ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مېھرىگۈل تۇرسۇن بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشىدا ۋە بۇ زۇلۇمىنى توختىتىشقا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان بىر قەھرىمان ئايال بولۇپ تونۇلدى.

3 قېتىم، قايتا-قايتا لاگېرغا قامالغان مېھرىگۈلنىڭ خىتايدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ مىسىر گىراژدانى بولغىنى سەۋەب بولغان. مېھرىگۈل قوش كېزەك بالىلىرى بىلەن مىسىر ئەلچىخانىسىنىڭ ھىمايىسىدە 2018-يىلى 4-ئايدا ئاۋۋال قاھىرەگە، 9-ئايدا ئامېرىكىغا ساق-سالامەت ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ 2019-يىلى 28-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قەيسەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ زۇلمەتلىك كامېرلىرىدا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىنى بىرمۇبىر ئاڭلاتقانىدى.

مېھرىگۈل گۇۋاھلىقىدا لاگېرلاردىكى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈش، پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەش، كېچە-كۈندۈز يۇقىرى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كۆزىتىش، ئاچ قويۇش، قاتتىق جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئاچ قويۇش، ئۆلۈم قورقىسى سېلىش قاتارلىق قورقۇنچلۇق تەرەپلىرىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ 3 بالىسىنىڭ بىرى، ئۇ تۇتقۇندىكى ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ، 3 ئاي جەريانىدا بىر كامېردا 9 بىگۇناھ ئايالنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولىدۇ. مېھرىگۈلنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دۇنيا ئاخباراتىنى چۆچۈتكەن ۋە زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

ئىنساننىڭ ھەقىقىي كىملىكى، ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان غۇرۇر ۋە جاسارەت، ئۇ ئەڭ ئېغىر تاللاشقا، تەھدىتكە ئۇچرىغان پەيتتە ياكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە نامايان بولىدىكەن. ئۇنى جاسارەتلىك قىلىپ ئۆستۈرگەن كىم؟ نېمە؟ بۇ ھەقتە بۈگۈن مېھرىگۈلنىڭ ئېيتقانلىرى ئىخلاسمەنلىرىمىزنى تەسىرلەندۈرگۈسى.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە بىز يەنە خۇددى زۇلمەتتە چاقنىغان چولپان يۇلتۇزلاردەك، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ھازىرقىدەك ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرىدە مەيدانغا چىققان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ يەنە بىرى زۇمرەت داۋۇتنىمۇ تەكلىپ قىلدۇق.

زۇمرەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 3 ئايغا يېقىن لاگېرغا قامالغان.

جازا لاگېرىدىن پاكىستانلىق ئېرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2019-يىلى قۇتۇلۇپ چىققان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن 2019-يىلى سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك تۇغماس قىلىنغانلىقىنى مەردانە ھالدا ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقانلىرىنىڭ بىر قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بىر مىللەتنى سىستېمىلىق يوقىتىشتەك قەبىھ بىر پىلان ئىكەنلىكىنى پولاتتەك ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتتى.

ئۇ بۇ جەريانىدا چەككەن ئازاب ۋە خورلۇقلىرى ھەمدە ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرىنى ئوخشىمىغان ئاخباراتلارغا، مەيلى قانداقلا تەھدىت ۋە ئازابلارغا ئۇچرىمىسۇن، مەيلى قانداقلا بەدەل تۆلىمىسۇن قەيسەرلىك بىلەن ئاكتىپ ھالدا ئاشكارىلاپ كەلمەكتە. پۈتـۈن دۇنياغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەممىدىن ۋاز كەچسىمۇ ئادالەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان، غۇرۇرى ھەم جاسارىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە باش ئەگمەي كېلىۋاتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى قىممەتلىك پاكىتلىرى خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە ۋە شۇ سەۋەبلىك خىتايغا قارشى يېتەرلىك بېسىم پەيدا قىلىشىدا ئوينىغان رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغماس قىلىۋېتىشىدەك قەبىھ قىلمىش «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» نىڭ بىر مۇھىم تۈرى سۈپىتىدە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىماقتا. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ زۇمرەتنىڭ يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلايدىغان سۈرەت ۋە ۋىدىيولارنى تارقىتىش ئارقىلىقمۇ، دۇنيا مەتبۇئاتىغا، تەشكىلاتلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە. بۇلاردىن ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئادالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈرىشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

بۈگۈنگىچە مۇسىبەتلەرنى يېڭىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى، ئەلەملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان زۇمرەت، بىر ۋاپادار ئايال ۋە مېھرىبان ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئارمانلىرى بار ئەلۋەتتە. قېنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى.

ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ رولىنى ئويناۋاتقان لاگېر شاھىتلىرى، ئۆز جاسارىتى، قەيسەرلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر قانچە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىسىمۇ ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدىغان، ئىنسانلىق تەبىئىيىتىنى تاشـلىمايدىغان، تەھدىت ئاستىدىمۇ ئادالەت ۋە ئەركىنلىكتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئالىيجاناب تەرەپلىرىنى نامايان قىلماقتا. لاگېر شاھىتلىرىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى كېيىنكى ساندىكى سۆھبىتىمىزدە داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.