قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزىنىڭ 11-مارت كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە سۇنغان پۇقرالىق ئىلتىماسى قوبۇل بولغان. قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى گۈلزىرەنىڭ خىتايدىكى لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەققىدە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە باشقا سىياسىي پائالىيەتلەردە بولماسلىق شەرتى بىلەن ئۇنىڭغا پۇقرالىق سالاھىيىتى بەرگەن.
گۈلزىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇنىڭ بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسىدىن قۇتۇلغان. ئەمما قازاقىستاندىكى خىتايغا ماھىل كۈچلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەھدىتى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.
قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2018-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم لاگېردا 15 ئاي ياتقان. 2018-يىلى 10-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ يەنە غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتىدا ئىككى ئاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. 2018-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ غۇلجادىكى لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، 2019-يىلى كىرگەندە قازاقىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان.
گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى لاگېردا بېشىدىن كۆچۈرگەن ئەھۋاللارنى 2019-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئاڭلىتىپ كەلگەن.
گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قولىدا قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمى بار بولغىنى ئۈچۈن ئۇ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە 2019-يىلىنىڭ بېشىدا قازاقىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولالىغان. ئۇ قازاقىستانغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان.
ئەمما ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلار تىزىملىكىدە ئىسمى بارلىقىنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى قازاقىستاندا بىخەتەر ھېس قىلالمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ قازاقىستاندىكى قازاق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلەشئوغلى قۇرغان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن ياردەم سورىغان. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋاللارنى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىگە يوللاش، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىش يولى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
گۈلزىرە خانىم 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە قايتا بارغىنىدا ئۆزىنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسىنىڭ شەرتلىك قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلگەن.
گۈلزىرە خانىم ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا سۇنغان ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۆز ئەھۋالىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەمدە قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2019-يىلى 26-دېكابىردا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن ياردەم سورىغان ئىدى.
ئەينى چاغدا رادىيومىز گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزىغا ئوخشاش قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمىنى ئالغان كىشىلەرنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىغا قانداق ئىشلارنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگىتوندىكى قازاقىستان ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان ئىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەلچىخانا خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزىنىڭ ئەھۋالىنى قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى ئېيتقان ئىدى.
0:00 / 0:00