لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: مەن ئەمدى دۇنيادىن پاناھلىق سوراشقا مەجبۇر
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.03.16
2020.03.16
لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قورۇسىدىكى ئوت كەتكەن قوتان. 2020-يىلى 14-فېۋرال، قازاقىستان.
بىر ئاي ئىلگىرى يەنى 14-فېۋرال يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىرلىق ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن ئامان قالغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ خەۋپتە قالغان.
تۇرسۇنئاينىڭ بۈگۈن، 16-مارت رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلى سېنتەبىر قازاقىستانغا كېلىپ ئېرى بىلەن جەم بولغاندىن باشلاپ قازاقىستان گراژدانلىق ئىلتىماسى قايتا-قايتا رەت بولۇپ كەلگەن. يېقىنقى كۈنلەردە، ھازىرغىچە خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇرۇۋاتقان تۇرسۇنئاينىڭ گراژدانلىققا قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق بولغان ئىكەن.
تۇرسۇنئاي: «مەن لاگېردىن قۇتۇلغان بىلەن خىتاي تەھدىتىدىن قۇتۇلالمىدىم، ئەگەر قازاقىستان ماڭا ئىگە چىقمىسا دۇنيادىن پاناھلىق سورايمەن» دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.









