«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا يەنە كانادا پارلامېنتى قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر قىرغىنچىلىقىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرىغىمۇ ئېتىراپ قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇنداق مەقسەتتىكى ئۇچرىشىشلار گېرمانىيە پارلامېنتىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئۆمەربەك ئالىي ۋە فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى گۈلباھار ھەيتىۋاجى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئەتىگەن سائەت 9 دا بىرىنچى بولۇپ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى رەناتا ئالت خانىم باشچىلىقىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ ھەقتە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئارقىدىن ئەسقەر جان قاتارلىقلار يەنە خرىستىئان دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مىچائەل براند ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. مىچائەل براند گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە خرىستىئان دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىش گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى ئەزاسى سابىنە ۋەئىسس خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر ئۇچرىشىش ناھايىتى قىزغىن شەكىلدە داۋاملاشقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي جازا لاگېرلىرىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا بولغان دىققەتنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئارقىدىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى سۆز ئېلىپ گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيە بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىب قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا باشلىق بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى دەرھال ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسقەر جان ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا يەنە، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋا، ئاۋسترىيە ۋە فىرانسىيە پارلامېنتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ ھازىرغىچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە بىرەر قارار چىقارماسلىقى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئەسقەر جان ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئەسقەر جان ئەپەندى بېرلىندىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە قىزىققانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر ھەيئەت 6-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىي كومىسسارى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلغانىدى.