ياۋروپادىكى لاگېر شاھىتلىرى ب د ت نىڭ دوكلاتىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىپادىلەردە بولدى
2022.09.07

مەلۇم بولغىنىدەك، مىشېل باچېلېت 31-ئاۋغۇست ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى ئاخىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا دائىر خەۋەرلەر پۈتكۈل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ھازىرغا قەدەر كەڭ سەھىپىلەر ئاجرىتىپ كەلمەكتە.
گېرمانىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD ئېلان قىلغان «ب د ت شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلىدى» ناملىق خەۋەر، N-TV خەرۋەرلەر قانىلى ئېلان قىلغان «بېرلىن خىتاينى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى» ناملىق خەۋەر، «ئەينەك» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان «ب د ت شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئاشكارىلىدى»، «فېدېراتىپ ھۆكۈمەت خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەرھال قويۇپ ئېرىشكە چاقىردى» ناملىق خەۋەر، «دۇنيا» گېزىتى ئېلان قىلغان «ب د ت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئاشكارىلىدى» قاتارلىق خەۋەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.
خۇددى «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى قىيىن-قىستاق توغرىسىدا ئىشەنچىلىك ئەيىپلەشلەر» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنغىنىدەك، ب د ت نىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى «ب د ت نىڭ تامغىسى بىلەن جاكارلانغان» بولۇپ، ئەمدى «بۇنىڭغا ھېچكىم سەل قارىيالمايدۇ» كەن ۋە بۇ ئەيىبلەشلەردىن «خىتاي بىلەن ئىش بىرلىكى قىلىۋاتقان مىنىستېرلارمۇ، خىتاي بىلەن تىجارىي ھەمكارلىقتا بولۇۋاتقان شىركەتلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» كەن.
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» ناملىق ماقالىدە تەسۋىرلىشىچە، ب د ت نىڭ دوكلاتى «خىتاينى تامنىڭ بىر بۇلىڭىغا قىستاپ قويغان» بولۇپ، خىتاي ئەمدى «شىنجاڭدا ھەممە ئىشلار جايىدا، دەپ لاپ ئۇرالمايدۇ» كەن. «زامان» گېزىتى ئېلان قىلغان «خىتايغا قارىتا ئېغىر ئەيىپلەشلەر» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر باستۇرۇشلارنىڭ دەلىللىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ بەرگەن بولۇپ، نە خىتاي، نە باشقا دۆلەتلەر ئەمدى بۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمالمايدىكەن، خىتاي بۇندىن كېيىن ب د ت نىڭ تامغىسى بېسىلغان بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ دەردىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تارتىدىكەن.
ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ياۋروپادىكى لاگېر شاھىتلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. ئۇلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 6 كۈنلىك خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بىر ئاي ئىلگىرى، يەنى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى مىشېل باچېلېتتىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا بىر ھەپتىگە سوزۇلغان نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.
گوللاندىيەدە ياشايدىغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا، گەرچە بۇ دوكلاتتا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنىڭ دوكلاتتا ئەتراپلىق بايان قىلىنغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى بولسا، مۇستەقىل بىر تەكشۈرش ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، لاگېرلاردا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نېگىزىدىن ھەل قىلىشتا دېيەرلىك ئۈنۈم كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
فرانسىيەدە ياشايدىغان لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان قىلىپ كەلگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن ھاياجانلانغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۇلباھار جېلىلوۋامۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.