لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت: «سەسكىنىشلىك بىر ئەسلىمەم-بىر قېتىملىق چوشقا گۆشى زىياپىتى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.11.28
zumret-dawut-qoshmaq-tuqqan-choshqa-goshi.jpg زۇمرەت داۋۇت دەۋەت قىلىنغان شۇ كۈنىدىكى چوشقا گۆشى زىياپەت ئۈستىلى.
Zumret Dawut teminligen

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان ئۇنتۇپ كېتەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى كەچمىشلىرى ئىچىدە بالىلىرىنىڭ ئالدىدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ كېتىلىش، نىمجان بىر كامىردىشىغا قولىدىكى مومىنى بۆلۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تاياق يېيىش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» لىرىنىڭ ئۆيىدە دۇچ كەلگەن بىر قېتىملىق چوشقا گۆشى زىياپىتىمۇ بار ئىكەن.

ئۇ شۇ كۈنى چوشقا گۆشىنى ئېغىزىغا بىر غېرىچ يېقىنلىقتا ئەكېلىپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغىنىنى ھەم غەزەپ ھەم سەسكىنىش بىلەن ئەسلەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئەنە شۇ قېتىملىق زىياپەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.