خىتاي لاگېر شاھىتلىرىنى قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى مەجبۇرىي فىلىمغا ئالغان

0:00 / 0:00

9-ئاپرېل، خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئاچقان مەخسۇس ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى 7-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىن دۇنيا ئاخباراتىغا جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى ئاساسىدا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان، جاسارەتلىك لاگېر شاھىدلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي، مېھرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلارغا دائىر تەشۋىقات فىلىملىرىنى تارقاتقان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق لاگېر شاھىتلىرىنى «ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ياللانغان، چېگرا سىرتىدا شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان ئارتىسلاردۇر»، دەپ ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى يالغانغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنغان.

لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىدە، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ چەرچەندە 2015-يىلى تۇغۇلغانلىقىدىن باشقا بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بۇرمىلاپ كۆرسەتكەن ھەمدە بىر بالىسىنىڭ ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلدە دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىنىمۇ رەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا بەرگەن گۇۋاھلىقى، CNN ۋە باشقا تاراتقۇلارغا بەرگەن لاگېرلار ۋە ئۆزى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنى ئىنكار قىلغاندىن باشقا ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە رەزىللىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئويدۇرما ھېكايە ۋە ئاتالمىش ئىسپاتلارنى توقۇپ چىققان ھەمدە ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆزىگە قارشى سۆزلەتكەن.

بۇنىڭ ئالدىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قالغان ۋە گۆرۈگە ئېلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆزىگە قارشى سۆزلىتىش ئارقىلىق بىر قانچە قېتىملىق ئوخشاش شەكىلدىكى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مېھرىگۈل تۇرسۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئەركىنلىككە قويۇپ بېرىپ، ئېرى بىلەن مىسىرغا بېرىشىگە يول قويۇشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى مەجبۇرىي فىلىمغا ئېلىپ سۆزلەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. مېھرىگۈلنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، دائىرىلەر ئۇنى فىلىمغا ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆيىدىن ئاپىسىنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ كىيدۈرگەن ۋە ھەتتا گىرىم قىلدۇرغان شۇنداقلا «ھۆكۈمەت مېنى تۇتقۇن قىلمىدى، پەقەت بىر قانچە كۈن مىسىردىكى ئىشلارنى سوراپ قويۇپ بەردى، ماڭا ۋە بالىلىرىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ داۋالىدى» دېگەندەك يېزىپ بەرگەن ۋاراقنى خۇددى ئارتىسلاردەك كۈلۈپ تۇرۇپ چاندۇرماي ئوقۇشقا قىستىغان. ئەينى چاغدا سائەتلەرچە ساقچىلار تەرىپىدىن فىلىمغا ئېلىنغان پەيتنىڭ ئۆزىدە مېھرىگۈل ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئامالسىز بىر بىچارە ھالدا ئىكەنلىكىنى ئەسلىگىنىدە خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئۆزىگە قارشى سۆزلىتىۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئازابىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قىز-ئاياللارغا قارىتا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە تۇغماس قىلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلاپ دۇنيا مەتبۇئاتىدا قايتىدىن غۇلغۇلا قوزغىغان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ھەققىدىمۇ بۇ قېتىم مەخسۇس فىلىم كۆرسىتىلگەن.

فىلىمدا ئۇنىڭ لاگېرغا بېرىپ باقمىغانلىقى، ئەزەلدىن تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ كېسەللىك خاتىرىسى يوقلۇقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئېرى بىلەن ياشىشى ئۈچۈن پاسپورت قاتارلىق ئالاھىدە قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە مەھەللە كومىتېت ساقچىسى ۋە سىڭلىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلىتىپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئەخلاقىنىمۇ قارىلاپ ھۇجۇم قىلغان. فىلىمغا ھەتتا تۇرسۇنئاينىڭ ئۆزىنىڭمۇ كۈنەستە خاتىرجەم نورمال ياشاۋاتقان بىر شەخستەك كۆرۈنۈشلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۇرسۇنئايدىن بۇ ھەقتە سورىدۇق.

تۇرسۇنئاينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تارقاتقان فىلىمدىكى ئۇنىڭغا دائىر كۆرۈنۈشلەر ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تۇتقۇندىن كېيىن كېسەل سەۋەبلىك قويۇپ بېرىلگەن ئارىلىقتا كۈنەستىكى ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دائىرىلەر قازاقىستاندىن توختىماي تۇرسۇنئاينى سۈرۈشتە قىلىپ تېلېفون بېرىۋاتقان ئۇنىڭ ئېرىگە ئۇنى ناھايىتى خۇشال نورمال ياشاۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن سۈرەتكە ئالغان. ئەمما تۇرسۇنئاي خىتاي تارقاتقان فىلىمدىكى بەزى كوچىلاردا ماڭغان-تۇرغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قاچان، قانداق ئاپپاراتلاردا سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «دېمەك بۇ ئۇلارنىڭ بىزنى لاگېردىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ بىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمىزدىن تارتىپ كۆزىتىش ئاستىدا تۇرغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى.