شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى 19-سېنتەبىر كۈنى ئەرزىنجان جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر پائالىيەت ئىككى كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتنى «IHH ئىنسانىي ياردەم فوندى»، تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى، ئەرزىنجان شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە سائادەت پارتىيەسى ئاياللار كومىتېتى قاتارلىق پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەر قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن.
ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتە پائالىيەتچىلەر ئەرزىنجان خەلقىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئاڭلاتقان، قىرغىنچىلىققا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ئەرزىنجان شەھەر باشلىقى بېكىر ئاكسۇن، تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەرزىنجان شۆبىسى باشلىقى بۈلەنىت دابانلىئوغلى مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى ئاڭلىغان.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،
ئەرزىنجاندا ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن پائالىيەتلەردە ئەرزىنجان خەلقى ۋە ئەرزىنجان ياشلىرىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىنى، پائالىيەت جەريانىدا كۆپ ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرى 21-چېسلا ئەرزۇرۇم شەھىرىگە يىتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەرزۇرۇم خەلقىگە ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بىر قاتار
پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن.
ئەرزۇرۇمدىكى ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتە، ئىمزا توپلاش پائالىيىتى، تەشۋىقات پائالىيىتى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتچىلەر يەنە ئەرزۇرۇمدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىر يىغىن تەشكىللەپ، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بەزى تەدبىرلەرنى تۈزگەن.
ئەرزۇرۇمدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەشكىلاتلار بىرلىكى جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە ئەرزۇرۇمدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن باشقا ئەرزۇرۇمدىكى تونۇلغان دىنى ئەربابلارمۇ قاتناشقان.
تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسوغلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەرزۇرۇم خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزغىنلىقىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىللىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، خەلق ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن توسالغۇلارنى يېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
كۆزەتكۈچىلەر، يېڭى ۋە ئۆزگىچە قارشىلىق پائالىيەتنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.