يېڭىشەھەر ئەرمۇدۇندا ئىدرىس قۇددۇس ۋە ھېزىم قۇددۇس ئاكا-ئۇكىلارنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قېيىن-قىستاقتىن باشقا ناچار ياتاق، ناچار تاماق ۋە ناچار داۋالاش شارائىتلىرىمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماقتا. ئەمما دائىرىلەر تا ھازىرغا قەدەر، خۇددى لاگېردا يېتىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەققىدە ھېچقاچان مەلۇمات بېرىپ باقمىغاندەك لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى. شۇڭا بىز يېقىنقى ئاياللاردىكى لاگېرلار توغرۇلۇق ئېنىقلاشلىرىمىزدا، لاگېردىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنى ئاساسلىق دىققەت مەركىزى قىلدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى ئۆلگۈچىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقىلاردىن پۈتۈنلەي سىر تۇتماقتا. ھەتتا ئاساسى قاتلامدىكى ساقچى خادىملىرىمۇ، ئۆزى مەسئۇل كەنت ياكى مەھەللە سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ لاگېردىكى ئۆلۈم ھادىسىلىرىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇلماقتا. ئېنىقلاشلىرىمىزدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە يېزىلارغا چۈشكەن ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەزىپەلەندۈرۈلمەكتە. قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە خىزمەتكە چۈشكەن بىر خادىم، ئۆزى مەسئۇل بولمىغان ئەرمۇدۇن يېزا 3-كەنت 5-مەھەللىدە لاگېردا ئۆلگەن بىرمۇ كىشى يوقلۇقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەمما مەزكۇر مەھەللە باشلىقى بۇ مەھەللىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەردىن ئاكا-ئۇكا ئىدرىس قۇددۇس بىلەن ھېزىم قۇددۇسنىڭ بۇلتۇر يىلنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ مەھەللە باشلىقى بالا يەنە ئىدرىس قۇددۇس بىلەن ھېزىم قۇددۇسنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ۋە جەريانى ھەققىدە ئۆزلىرىگە ساقچىلاردىن تەرىپىدىن ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى، مۇسىبەتتىكى ئائىلىدىن ھال سوراپ بارغان ۋاقتىدا، بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېڭىشەھەردە ئۇ بىلىدىغان ئىككى يىغىۋېلىش لاگېرى بار بولۇپ؛ ئىدرىس قۇددۇس يېڭىشەھەردىكى چېڭنەن لاگېردا بىر مەھەل تۇرغاندىن كېيىن، جىنايىتى بايقىلىپ كېسىۋېتىلگەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلگەن. ئۇ ئۆتكەن يىل دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە جان ئۈزگەن. ھېزىم قۇددۇس يېڭىشەھەردىكى چېڭنەن لاگېرىدا ئاتالمىش تەربىيەلنىۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى بۇ يىل 6-ئايدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

52 ۋە 45 ياشلاردىكى بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىدىن مەھەللە كادىرلىرى تا ھازىرغىچە خەۋەر تاپالمىغان. يەنە جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ جەسىتىنى، غەلۋە قىلماسلىق ۋە مەخپىي تۇتۇش شەرتى بىلەن ئائىلىسىگە قايتۇرغان؛ ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە بېرىلمىگەن. يېڭىشەھەر ئەرمۇدۇنلۇق ئىدرىس قۇددۇسنىڭ جەسىتىمۇ ئۈرۈمچىدىن ئائىلىسىگە ئەكىلىنمىگەن. ئەمما جەسەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئائىلىسىگە بېرىلمىگەنلىكى ۋە ئۈرۈمچىدە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.