لېئو مايە: «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نان ۋەتەننىڭ بىر پارچىسىدۇر»
2023.12.28

«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نان ۋەتەننىڭ بىر پارچىسىدۇر!» دەيدۇ، فىرانسىيەلىك ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى لېئو مايە.
نۆۋەتتە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان لېئو مايە ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ناۋايچىلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، بۈگۈنكى زىيارىتىمىز داۋامىدا ناننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كۈندىلىك ھاياتىدا تۇتقان ئورنى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن بايان قىلدى.
لېئو مايە ئەپەندى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان ھەر بىر ھۈنەر-كەسپتە ئۆز ئالدىغا رىسالە تۇتۇپ ماڭغانلىقى، بۇنىڭ بىر ئەنئەنىگە ئايلانغانلىقى، رىسالىلەرنىڭ يالغۇز بىر قوليازما ياكى كىتابچىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسپ مەدەنىيىتىدىكى مەخسۇس قائىدە-مىزان ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا رىسالىلەرنىڭ ئۇيغۇر سودا ئەخلاقىنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئۇستاملارنىڭ شاگىرتلارنى تەربىيەلەيدىغان دەستۇرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قايغۇسىنى ئۆزىنىڭ قايغۇسى دەپ بىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغان لېئو مايە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەر بىر كىچىك ھالقىسىغىچە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىكەن. ئۇ، زىيارىتىمىز جەريانىدا ھەتتا ئۆزىنىڭ تويى بولغاندا ئىستانبۇلدىن مەخسۇس داشقازان ئەكەلدۈرۈپ، ئۇيغۇر پولۇسى ۋە كاۋاپلىرى بىلەن توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
لېئو ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە چەت ئەلدە ئۇيغۇر ناۋايلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر نانلىرىنى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈش ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراشلىرى ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۆزىگە ئۇيغۇرچە «شىرئەلى» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان دوكتورانت لېئو مايە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ناۋايچىلىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىغا قارىتا كۈچلۈك ئەندىشىلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. بىز ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاڭلارمەنلەر نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.