لىتۋا خىتاينىڭ شەرقىي ياۋروپادا قۇرغان 17 +1 توپىدىن چېكىنىپ چىققان

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.05.23
لىتۋانىڭ جاسارىتى ۋە ياۋروپانىڭ ھەيرانلىقى لىتۋانىڭ كلايپېدا پورتىدىكى ماللار. 2020-يىلى 22-سېنتەبىر.
AFP

لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ «POLITICO» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، لىتۋا خىتاينىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى 17 +1 توپىدىن چېكىنىپ چىققان ۋە مەزكۇر توپقا ئەزا باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېلىئۇس لاندسبېرگىس «POLITICO» غا يوللىغان ئېلخېتىدە: «ئەمەلىي ئېھتىياج تۈپەيلى لىتۋانىڭ خىتاينىڭ 17 + 1 توپىدىن چىقىپ كەتكەن» لىكىنى ئېيتقان.

خەۋەرگە قارىغاندا لاندسبېرگىس، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بېيجىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۆلۈنگەن 16 + 1 ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىدىغان ھەمدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك 27 + 1 گە قاراپ سىلجىيدىغان پەيت كەلدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.»

خىتاينىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باياناتچىسى لىتۋا بۇ ھەرىكىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، لىتۋا بۇ ھەرىكىتى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن.

پەيشەنبە كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى بېلەت تاشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلاتقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، لىتۋا پارلامېنتى 20-ماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى رەسمىي ھالدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەپ بېكىتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.