لىتۋا پارلامېنت ئەزاسى دوۋىلىي ساكالىني: «كوممۇنىستلارنىڭ ماھىيىتىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.07.02
لىتۋا پارلامېنت ئەزاسى دوۋىلىي ساكالىني: «كوممۇنىستلارنىڭ ماھىيىتىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «بىر ئەسىرلىك زۇلۇمنىڭ تەبرىكلىگۈدەك ھېچنېمىسى يوق» دېگەن تېمىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. 2021-يىلى 1-ئىيۇل.
Social Media

خىتاي كومپارتىيەسى، ئۆز پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان توپلۇقلارمۇ بىرلىكتە ھەر خىل شەكىلدە بۇ بىر ئەسىرلىك زۇلۇمنى خاتىرىلىدى.

1-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «بىر ئەسىرلىك زۇلۇمنىڭ تەبرىكلىگۈدەك ھېچنېمىسى يوق» دېگەن تېمىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەر خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىق قىلىۋاتقان «يۈز يىللىق شانلىق تارىخ» نىڭ دۇنياغا كۆرسەتمىگەن تەرىپىنى ئاڭلاتقان.

يىغىننىڭ 2-باسقۇچىغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن، بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى، لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دوۋىلىي ساكالىني، سابىق ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان بەيكىر، ئىتالىيە باش ئەلچىسى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىيۇلىيۇ تەرزى قاتارلىقلار توردىن نەق مەيدان قاتناشقان، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ بولسا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى يوللىغان.

مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە پارلامېنتى، كانادا پارلامېنتى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدىن كېيىن، چېخ جۇمھۇرىيىتى، لىتۋا پارلامېنتى ۋە بېلگىيە پارلامېنتى يېقىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەمدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، 26-ماي كۈنى ئىتالىيە پارلامېنتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلەش قارارىنى ماقۇللىغانىدى.

مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن نورمان بەيكىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكاۋۇرلارچە ئاتالمىش شانلىق تارىخىنى تەبرىكلەۋاتقان كۈننىڭ ئۆزىدە مىليونلىغان كىشىلەرنى ئېزىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ تەرەپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ۋاقىتتا شى جىنپىڭ ھاكاۋۇرلارچە ‹خىتاي خەلقى تاشقى كۈچلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا، ئېزىشىگە يول قويمايدۇ. كىمكى بۇنداق قىلماقچى بولسا، بىر مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ قان-گۆشلىرى بىلەن قوپۇرۇلغان پولات سېپىلغا ئۈسۈپ، باش-كۆزىنى قانغا بويايدۇ› دېگەن. خىتايلارنىڭ پەلسەپىسى بويىچە ئۆزىدىن بولمىغان ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە دۈشمەن ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇدى، چۈنكى بۇ ھەقىقەت. دېموكراتىك دۆلەتلەر بىرلىشىپ خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا تېگىشلىك بەدەل تۆلەيمىز، ئەمما تۆلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ياۋروپادىكىلا ئەمەس بەلكى ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرمۇ بىرلىشىپ‹توختا› دېمىسە خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسى پۈتۈن دۇنياغا يامرايدۇ، بۇ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق».

ئارقىدىن سۆز قىلغان ئىتالىيە باش ئەلچىسى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىيۇلىيۇ تەرزى مۇنداق دېگەن: «بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن تراگېدىيەلىك بىر ‹تەبرىكلەش›تۇر. 80 مىليوندىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزالىرى ناھايىتى ھاكاۋۇر ھالەتتە بۇ كۈننى تەبرىكلىدى. ئەمما ياخشى تەرىپى شۇكى غەرب دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتى تونۇپ يەتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكى ناتىسىسىتلارنىڭ يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزگەن رەھىمسىزلىكىگە ئوخشاش. خەلقئارادىكى يېقىنقى تەرەققىياتلارغا نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مەسىلىدە بىرلىكتە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ».

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن ئەپەندى ۋە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان كۈنلەردە ئۇلارنىڭمۇ تەبرىكلەيدىغان ياخشى خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشقان. رافائىل گىلۇكىسمەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى يۇنىكلو ۋە زارانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئاتاقلىق كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىغا ئېرىشكەنلىكىگە ئائىت ھەق تەلەپ ئەرزنى قوبۇل قىلغان. بۇ ھازىرغا قەدەر چەت ئەللەردە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىغا ئېرىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېچىلغان تۇنجى داۋا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

سامۇئىل كوگولاتى ئەپەندى سۆز قىلىپ، تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ۋەقەلەردىن 5-ئىيۇن كۈنى بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە شۇنداقلا بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ مەزكۇر يىغىنغا ئالدىن ئەۋەتكەن سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق پىكىر قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى توختىتىشقا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل پىلانىنى بەربات قىلىشقا چاقىرغان.

ئاخىرىدا لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دوۋىلىي ساكالىني سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، بارلىق كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ باستۇرۇش مېتودلىرى بار. ئۆزىگە قارشى چىققان ۋە چىقىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن ۋەيران قىلىدۇ. لېتىۋا دۆلىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇش تارىخى بىلەن سېلىشتۇرسام خىتاينىڭ سىياسىتى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەھشىيلىكتە چېكى يوقكەن. سىياسەتچىلىرىدە ئىنسانلىق قالمىغاندەكلا. شۇڭا ‹ئۆز خەلقى ئىچىدىن ئىنقىلاب قىلىشى كېرەك› دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن بوۋىلىرىمدىن ئۇلارنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا تاشقى دۇنيانىڭ ياردىمىگە قانچىلىك موھتاج بولغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. ئەگەر بىز قول تىقمىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمى تۈگىمەيدۇ. شۇڭلاشقا خەلقئارادىكى ئىتتىپاقلىشالايدىغان كۈچلەر داۋاملىق بىرلىشىشىمىز، كومپارتىيەنىڭ ئەزەلدىن رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. پەقەت بىز تاشقى دۇنيادا ياشاۋاتقانلارنىڭ بېسىمىلا ئاشۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ».

يىغىن ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ۋە پۈتۈن دۇنياغا قاراتقان كېڭەيمىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش ھەققىدە سوئال جاۋابلار بولۇپ ئۆتتى. يىغىن قانتاشقۇچىلىرى بىردەك «دېموكراتىك ئەللەر ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ، كېلەر يىللىق ئولمپىكىنى بايقۇت قىلىش، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىش» تا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.