ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە 3D لىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى يولغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.12.11
norwegiye-ana-til-3d.jpg نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 3د لىق ئوقۇتۇش پروگراممىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 9-دېكابىر.
RFA/Méhriban

ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر كەسپىي خادىملارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە 3D لىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى يولغا قويۇلغان. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن نورۋېگىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلار ئۇيغۇرچە ھەرپ ۋە سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كومپيۇتېر ۋە قول تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈلگەن ئەپ ئارقىلىق مەۋھۇم رېئاللىق تۇيغۇسىنىڭ ياردىمىدە ئوبرازلىق ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يەكشەنبە، يەنى 9-دېكابىر كۈنى پايتەخت ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە 3D لىق ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە 3D لىق ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى يولغا قويۇش بۇ يىلنىڭ بېشىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2018-يىلنىڭ «ئانا تىل يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار يەنە 2018-يىلى ئىچىدە پايتەخت ئوسلو شەھىرىدىكى ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىنى مەكتەپ قىلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 6 شەھەردە ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپلىرى ئېچىشنى قارار قىلغان. 2018-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە ئوسلودىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلار سانى 120 گە يەتكەن. بۇ قېتىم يېڭىدىن سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 3D لىق ئوقۇتۇش لايىھەسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىق سىنىپىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۈچۈن سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئادىلجان ئەپەندى مەزكۇر پروگراممىنى لايىھەلەشكە مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ خىل ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئادىلجان ئەپەندى مەزكۇر پروگراممىنىڭ ھازىرچە كومپيۇتېر پروگراممىسى شەكلىدە لايىھەلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە قول تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈلگەن ئەپ ئۇلىنىشى ئارقىلىق 3D لىق فىلىملەرنى كۆرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان كۆزەينەكنىڭ ياردىمىدە ئۆگەنمەكچى بولغان ھەرپ ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ مەسىسىنى مەۋھۇم رېئاللىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ پروگراممىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە 2018-يىلى 9-دېكابىر، يەنى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە تۇنجى قېتىملىق 3D پروگراممىسى قوللىنىلغان دەرسكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ مەزكۇر پروگراممىنى قوللانغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سورىدۇق. ئوقۇغۇچىلاردىن ئەسمىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ئېيىق» تىكى «ئې» ھەرپى، «ئايروپىلان» دىكى «ئا» ھەرپى، «دىنوزاۋر» دىكى «د» ھەرپى قاتارلىقلارنى ئۆگەنگىنىدە مىدىرلاپ تۇرغان ئېيىق، دىنوزاۋر ۋە ئايروپىلانلارنى كۆرگەنلىكىنى ھاياجان ئىچىدە بايان قىلدى.

كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئادىلجان ئەپەندى يەنە مەزكۇر پروگراممىنى تەييارلاشقا يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر پروگراممىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە قوللىنىلغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانىدا ئىقتىسادىي شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا مەزكۇر پروگراممىنى داۋاملىق بېيىتىپ ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئادىلجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدىغانلىقىنى، بۇ پروگراممىنى سېتىۋالماقچى بولغانلارغا ئۇنى ئىشلىتىشتىكى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ۋە مەزكۇر پروگراممىنى كۆرۈش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان كۆزەينەك قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قانداق سېتىۋېلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.