«ئۇيغۇريار فوندى» 2018-يىللىق ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.12.14
turkiyede-oqush-mukapat-2018.jpg «ئۇيغۇريار فوندى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئېلانى.
uyghuryar.org

تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە 2017-يىللىق بىرىنچى مەۋسۇملۇق دەرسلەر ئاخىرلىشىپ، 2018-يىللىق ئوقۇش يىلىغا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە «ئۇيغۇريار فوندى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا تۈركىيەدە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتى 2017-يىلى 30-دېكابىر كۈنىدىن 2018-يىلى 10-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى، مەزكۇر فوندنىڭ مالىيەسىگە مەسئۇل كىشىلىرىدىن مەمەت ئېلى ئەپەندى ۋە ئۆتكەن يىلى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

باتۇر قاراخانلى ئەپەندى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ www. ئۇيغۇريار. ئورگ تور بېتىدىكى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى ئەستايىدىل ئوقۇغاندىن سىرت، يەنە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ماتېرىياللارنى تەييارلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

باتۇر قاراخانلى ئەپەندى ئوقۇش ياردەم سوممىسىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئايدا 700 لىرا، ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايدا 800 لىرا، دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئايدا 1200 لىرا بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان مەمەت ئېلى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بارلىقىنى، ئۆتكەن يىلى ئاز بىر قىسمىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرەلىگەنلىكىنى، بۇ قېتىم مۇكاپات بېرىلىدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت ئېلى ئەپەندى «ئۇيغۇريار فوندى» نى قۇرغان كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىكەنلىكىنى، ئىئانە قىلىنغان پۇللارنى ياردەمگە ئەڭ موھتاج، ياخشى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىر تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگېستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇريار فوندى» 2016-يىلى 10-ئايدا مەرىپەتپەرۋەر 7 نەپەر ئۇيغۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر فوند يەنە مىسىردىن تۈركىيەگە كېلىشنى ئىستىگەن 62 ئوقۇغۇچىغا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگەن. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ياردەمنى سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل 10-ئايدا مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.