‎قازاقىستان يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى كونسېرتىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئالماتا رايونىغا جايلاشقان بايسېيىت يېزىسىدا ئېچىلغان «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، ئىككى ئاي جىددىي ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، ئاتا، ئانا ۋە ئۇستازلىرىغا تۇنجى قېتىملىق كونسېرتىنى 11 نويابىر كۈنى كۆرسەتتى ۋە بۇ ئارقىلىق مەكتەپنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى بايسېيىت يېزىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا خاس تۇنجى مۇزىكا مەكتىپى بولغان يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى، باش شتابى ئەنگلىيەدىكى ئاگاخان مۇزىكا فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئالاقە ئىشلىرىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان، لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىمۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى كونسېرت ۋە مۇراسىمنىڭ ئۆزىنى ۋە بايسېيتتىكى ئۇستازلار، ئاتا، ئانىلار ۋە بالىلارنى ئوخشاشلا ھاياجانغا سالغانلىقىنى، قىسقىغىغە ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە يەتتىسۇ مەكتىپىدىكى ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن تولىمۇ ئۈمىدلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇتار، تەمبۈر، راۋاب، داپلار بىلەن ئورۇنلانغان بۇ مۇڭلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشا، مۇزىكىلىرىنى، مۇقاملىرىنى مۇزىكا مەكتىپىدە تەربىيە كۆرۈۋاتقىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان 6 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئورۇنلاۋاتقانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ بۇ قايناق كونسېرتنى تەييارلىغان بايسېيت مەھەللىسىدىكى يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئۇلار 11-نويابىردىكى، مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆزلىرىنىڭ كونسېرتى ئارقىلىق كۈتۈۋالغان. مەزكۇر كونسېرتقا قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس لوندوندىن يېتىپ كەلگەن، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس قىلغان ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەرنى قىلغان، كونسېرتتىكى ئەڭ ئاساسلىق تاماشىبىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندىمۇ، بالىلارنىڭ ئىككى ئايدىكى ئىلگىرىلىشىدىن ھەيران قالغان. ئۇ بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكا سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلىغان بالىلاردا شەكىللەنگەن بىر خىل روھلۇق كەيپىياتتىن بەكرەك خوش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كونسېرت مەيدانىدا ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن، بىز يەنە تېلېفون ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرى بىلەنمۇ تونۇشتۇق.

ئەزىز ئەپەندى يەنە ئويۇن كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى.

بىز يەنە تېلېفون ئارقىلىق ئالماتادىكى ئۇيغۇرلار يۇرتى بايسېيت خەلقىنى سۆيۈندۈرگەن ۋە ئۇلارغا زور ئۈمىدلەرنى بەرگەن، يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى مۇدىرىيىتىنىڭ، مەكتەپنىڭ نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلدۇق.

مەكتەپنىڭ ئاساسلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، يېتەكچىسى، پېشقەدەم ئۇستاز ئەزىز تۇردىيېف ئەپەندى، مەكتەپنىڭ تۇنجى كونسېرتىدىن، ئۇستاز بولۇش سۈپىتى بىلەن نوتىلاردىن ئۆزىنىڭ ئەڭ ھاياجاندا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇستازلار ھەمدە بالىلارنىڭ بۇ ئىككى ئاي جەريانىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە تۇنجى كونسېرتتىكى ئىپادىسىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، «بالىلىرىمىز مۇكەممەل بىر سەھنە ئەسىرىنى نامايان قىلدى» دېدى. ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن ۋە مەكتەپنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمىدلەرگە تولغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ئىپادە قىلدى.