«ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى» (كۇرسى)نى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى
2015.03.04

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئالىي مەركىزى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2007-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن بويىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى» نى يولغا قويۇپ ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇن، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ساھەلىرى بويىچە چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەربىيىلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-مارت ئېلان قىلىشىچە، د ئۇ ق 10-نۆۋەتلىك تەربىيىلەش پروگراممىسى (كۇرسى)نى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. كۇرسقا تىزىملاش ئىشلىرى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ پروگرامما(كۇرس)ئىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلىرى ھەمدە قاتنىشىش شەرتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.