ترامپنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ماركو رۇبىيو، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن «ئەڭ چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى
2025.01.17

يېڭى سايلانغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ سۇنغۇچىسى ماركو رۇبىيو، 15-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا، خىتاينىڭ 21-ئەسىردە داۋاملىق ئامېرىكانىڭ گۈللىنىشىدىكى «ئەڭ چوڭ تەھدىت» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خىتايغا قارىتا ئىزچىل قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ماركو رۇبىيو، يىغىندا ئۆزىنىڭ نامزاتلىقى ماقۇللانسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئورنى ۋە خىتايغا تۇتىدىغان سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك سىگناللارنى بەردى.
ماركو رۇبىيو گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان «تەڭپۇڭسىز مۇناسىۋىتى» نىڭ ئامېرىكاغا ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلىرىنى ئالاھىدە شەرھلەپ، ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتمىسە، كۈندىلىك ھاياتىدا مۇھىم بولغان ھەممە نەرسىدە خىتايغا بېقىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماركو رۇبىيو كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىز تۇتقان يولىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك، بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزدىن تارتىپ، سالامەتلىكىمىزگىچە بولغان كۈندىلىك ھاياتىمىزدىكى نۇرغۇن مۇھىم نەرسىلەرگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىمىز، خىتاينىڭ يول قويۇش-قويماسلىقىغا باغلىق بولۇپ قالىدىغان بىر دۇنيادا ياشايدىغان بولىمىز. بۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئاقىۋەت.» رۇبىيونىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالغان، شۇنىڭدەك خىتاي بۇنىڭ نېمەتلىرىدىن تولۇق پايدىلانغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئەمەس.
رۇبىيو مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيا تەرتىپىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالدۇق. ئۇلار بۇنىڭ بارلىق نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، بىراق بارلىق مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىدى. ئەكسىچە، ئۇلار دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشىش يولىدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، خاككېرلىق ۋە ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللاندى. ئۇلار بۇنى بىزنىڭ بەدىلىمىز ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ بەدىلىگە ئېلىپ باردى». رۇبىيو، خىتاينىڭ كۈچىيىپ ھازىرقىدەك «چوڭ تەھدىت» كە ئايلىنىشىنى ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇنىڭغا يول قويۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاباھەتلىك جىنايەتلەرنى ئىشلىشىگىمۇ يول قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
رۇبىيو مۇنداق دەيدۇ: «بىز يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، سودىدا داۋاملىق ئالدامچىلىق قىلىشىغا، كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا يول قويدۇق. ئۇلار جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇشتا يالغانچىلىق قىلدى. بىز يىللاردىن بېرى بۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، كەسكىن تەدبىرلەرنى ئالغىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويۇشىمىز، بۇنىڭ بىر مىسالى. (ئۇلارغا قارىتا) دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر قەبىھلىك سادىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يىللاردىن بېرى ھېچكىم تىلغا ئالمىدى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىلا ئەمەس، ھەتتا قۇللار ئەمگىكىنى ئىشلىتىپ، توۋار ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قويۇلدى.» رۇبىيونىڭ تەكىتلىشىچە، شۇڭا ئامېرىكا «ھازىر بۇنىڭ چاتىقى بىلەن ھەپىشەشمەكتە» ئىكەن.
رۇبىيونىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىغا قاتناشقان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم 16-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرسا رېئال سىياسەتنىڭ ئېھتىياجلىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ «ئەپتى-بەشىرىسىنى ياخشى بىلىدىغان بىرسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ماركو رۇبىيونى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ» دەپ قارايدىكەن.
ماركو رۇبىيو، گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۆزىنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رۇبىيو، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېينىڭ، نۆۋەتتە تايلاندتىكى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا قورقۇنچلۇق تەقدىرگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن «تايلاندقا خىزمەت ئىشلەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ «شۇنداق» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، لېكىن ياخشى تەرىپى تايلاند ئامېرىكانىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك شېرىكى، شۇنداقلا كۈچلۈك تارىخىي ئىتتىپاقدىشىدۇر. شۇڭا، دىپلوماتىيە ھەقىقىي نەتىجە بېرىدىغان ساھە. چۈنكى، بۇ مۇناسىۋەت شۇنچىلىك مۇھىم.»
رۇبىيونىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ دۇنياغا نېمە توغرىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىشنىڭ يەنە بىر پۇرسىتى» ئىكەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر خەلق ئىكەنلىكى، بۇ خەلقنىڭ پەقەت مىللىتى ۋە دىنىي سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا، يەنى «قايتا-تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئات قويۇلغان ئورۇنلارغا قامالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىملىكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، ھەممىدىن قەبىھ يېرى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ قۇللۇق ئەمگىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماركو رۇبىيو بۇ سۆزلەرنى ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا تاراتقۇلار تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان بىر پەيتتە تىلغا ئالغانىدى. تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەر، بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە ئەرز سۇنۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغانىدى.
ھالبۇكى، ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ماركو رۇبىيو رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردە، خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك ئىكەن. 53 ياشلىق ماركو رۇبىيو، ئامېرىكانىڭ فلورىدا شتاتىدىكى بىر كۇبالىق كۆچمەن ئائىلىنىڭ پەرزەنتى، شۇنداقلا تۆت بالىنىڭ دادىسى بولۇپ، 2011-يىلدىن بېرى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ كەلگەن. بۇ جەرياندا، ئۇ كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىدىكى كەسكىن مەۋقەسى بىلەن تونۇلغان سىياسىيونلارنىڭ بىرىدۇر.