خىتاي قارامايدا تۇنجى بولۇپ سىناق قىلىۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنا قانداق نەرسە؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.07.01
خىتاي قارامايدا تۇنجى بولۇپ سىناق قىلىۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنا قانداق نەرسە؟ قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رەسمىي ئىشقا سالغان ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسى. 2022-يىلى ئىيۇن.
ts.cn

ھازىرقى ئۇچۇر ۋە پەن-تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان زاماندا ئىنسانلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئاپپارات ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش تېخنىكىلىرى خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەندە ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقىپ ماشىنىلىرى ساقچىلارنىڭ ئورنىنى ئالغاندا، بۇنىڭ قانداق ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى قىياس قالالايسىز؟

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئىيۇن ئۇيغۇر رايونىدىن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار تەقىب سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغانلىقى مەلۇم. خەۋەردىن ئايان بولۇشىچە، قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى شۇ كۈندىن باشلاپ، جۇڭكې تيەنجى شىركىتى سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان 20 دانە ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرلگەن.

قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رەسمىي ئىشقا سالغان ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسى. 2022-يىلى ئىيۇن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ گوشىن بۇ ماشىنىلارنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: «ساقچى بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بۇ ماشىنىلار قاراماي شەھىرىدىكى ئاساسلىق سودا مەركەزلىرى، ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە بەزى مەھەللىلەرنى سىناق تەرىقىسىدە 24 سائەت چارلايدۇ. ئۇلار بۇ شەھەردىكى كامېرالار تولۇق قاپلىيالمىغان جايلارنى كۆزىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ساقچى، درون (ئادەمسىز ئۇچاق) ۋە ۋىدىيولۇق نازارەت سىستېمىسى بىلەن بىللە پۈتۈن شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىنى تەقىپ قىلىش، پۈتۈن ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇش ۋە توغرا سىگنال بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.»

ئۇنداقتا، خىتاي قاراماي شەھىرىدە سىناق قىلپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شوپۇرسىز چارلاش ماشىنىسى قانداق نەرسە؟

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك ساقچى باش ئاپپاراتىغا تېلېفون قىلدۇق. باش ئاپپاراتتىكى خادىم تېلېفونىمىزنى بۇ شوپۇرسىز چارلىغۇچى ماشىنىلار ئىشلەۋاتقان «قۇرۇم يولى» (كوئىنلۇن يولى) ساقچى پونكىتىغا ئۇلاپ بەردى.

مۇخبىر: يېقىندا «كىچىك چارلىغۇچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىللارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپسىلەر، ئۇنىڭ قانداق ئىقتىدارى بار؟

خىتاي ساقچى: شۇنداق، بۇ تۇنجى قېتىم سىناق قىكلىنىۋاتقان شوپۇرسىز چارلاش ئاپتوموبىلى. ئۇنىڭ ئانتېنناسىنى پۇنكىتىمىزدا تۇرۇپلا بەلگىلەپ قويىمىز، ئۆزى چارلايدۇ.

مۇخبىر: بىلىشىمىزچە، ئۇنىڭغا رادار ئورنىتىلغان ئىكەن، شۇنداقمۇ؟

خىتاي ساقچى: شۇنداق، ئۇنىڭغا رادار ئورنىتىلغان. ئەگەر بىرەر ۋەقە بولسا ياكى توسالغۇغا ئۇچرىسا ۋە ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش سىگنالى بېرىلسە، شۇ رادار ئارقىلىق بىزگە سىگنال يەتكۈزەلەيدۇ.

مۇخبىر: كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىمۇ ئورنىتىلغان ئىكەن، ئىچىدە قانچە كامېراسى بار؟

خىتاي ساقچى: بۇ چارلاش ئاپتوموبىلغا 8 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغان. 360 گرادۇس ئايلىنىپ سۈرەتكە ئالالايدۇ.

قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رەسمىي ئىشقا سالغان ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسى يىراقتىن كۆزىتىش ئېكرانى. 2022-يىلى ئىيۇن.

بىر مىنۇتقا يەتمىگەن دىيالوگىمىزدىن كېيىن، تېلېفون ئۇزۈۋېتىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەل مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىگە ھەر خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق توسقۇنلۇق ياراتماقتا.

«كىچىك چارلىغۇچى» نىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن بىز يەنە خىتاي تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدىدۇق.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ۋېيبو ئىجتىمائىي تارتقۇ سۇپىسىدا تارقىتىلغان «قارامايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ‹كىچىك چارلىغۇچى› كىم؟» ناملىق بىر سىنلىق خەۋەردە، مەزكۇر ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلگەن ئىكەن.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «L4شوپۇرسىز چارلاش ساقچىسى، ئېگىزلىكى 1.6 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 1.8 مېتىر، كەڭلىكى 1 مېتىر. بۇ ماشىنىغا قاپارتما، دۇربۇن كۆرۈش ۋە سوقۇلۇشقا قارشى تۇرۇش سېنزورى قاتارلىق 15 خىل ئاپتوماتىك ھەيدەش ئۈسكۈنىسى ھەمدە 20 خىلدىن ئارتۇق ساقچى ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن. مەسىلەن، بىر كۇنۇپكا سىگنالى تولۇق ئۇچۇر توپلاش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.»

ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «چارلاش ماشىنىسىنىڭ رولى شۇكى، تولۇق توك قاچىلانغاندىن كېيىن 6 سائەتتىن 8 سائەتكىچە توختىماي ئىشلىيەلەيدۇ. ساقچىلارغا ئۇچۇر ئەۋەتىش، ساقچى ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، يىراقتىن قوماندانلىق قىلىش ۋە ساقچى ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بىرەر جىددي ياكى گۇمانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندە، يۈز تونۇش، ئىز قوغلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق قارار چىقىرىپ، ‹بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش سۇپىسى› غا ئەۋەتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەۋزەللىكى: بۇ ماشىنا 1 دىن 3 گىچە ساقچىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك، يەنى 24 سائەتلىك چارلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ».

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنىلار بۇ يىل 16-فېۋرالدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئالدى بىلەن 5 دانە ماشىنا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىكەن. ھازىر 20 گە يەتكەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەقتە «قاراماي گېزىتى» نىڭ 2022-يىلى 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «كىچىك چارلىغۇچى» دەپ ئاتالغان بۇ خىل ئادەمسىز چارلاش ساقچى ماشىنىسى جوڭكې تيەنجى (شىنجاڭ) ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جوڭكې تيەنجى» دېيىلىدۇ) تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن. بۇ يىل 4-ئايدىن بۇرۇن بۇ ماشىنىلار ئاساسلىقى قارامايدىكى بىر قىسىم قۇلايلىق ساقچىخانىلاردا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەن ئىكەن.

قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قۇرۇم يولى ساقچىخانىسىنىڭ مەسئۇلى «قاراماي گېزىتى» نىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «‹كىچىك چارلىغۇچى› نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، ساقچىخانىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى ۋە ساقچى چىقىمىنى تۆۋەنلەتتى.»

ھالبۇكى، «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكالىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى جېففرى كېين، خىتاي دائىرىلىرى ماختىنىۋاتقان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقچى چارلاش ماشىنىسىنىڭ ئەسلىدىنلا «ساقچى دۆلىتى» گە ئايالندۇرۇلغان ئۇيغۇر رايونى ئۈچۈن تېىىمۇ قورقۇنچلۇق خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: «مۇشۇنداق يوقۇرى تېخنىكالىق چارلاش ئارقىلىق خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەممە يەرنى كۆرۈپ، كونترول قىلىشنى ئىستىمەكتە. مىڭلىغان كامىرالار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى دەپ قارىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ توپلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۈز تونۇش، ئىز قوغلاش تېخنىكاسىنى ‹بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش سۇپىسى› دا ئىشلىتىپ كەلگەنىدى. قارامايدا ئىشقا كىرىشتۈرلگەن بۇ ئادەمسىز چارلاش ماشىنىلىرى ھەرقانداق ۋەقەنى ئالدىن ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى رايوندا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك تەقىب-نازارەت سىستېمىسىنى تېخنىكا جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر بالداق يوقۇرى كۆتۈرگەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسى. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ماشىنىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوننى كونترول قىلىشتىكى قابىلىيىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك يۇقىرى تېخنىكالارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقچى، دەپ قارايمەن.»

جېففرى يەنە بۇ ماشىنىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسرلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ ماشىنىلارنى كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ قوللىنىشى مۇمكىن. بەلكى بۇنىڭغا بىر قانچە ئاي ياكى بىر يىل كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەسلىدىنلا قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ۋەھىمىسىنى قىياس قىلىپ باقىدىغان بولساق، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنىلار ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ۋە روھىغا قورقۇنۇچ سېلىشى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقۇرى تېخنىكىلىق تەقىپلىرىدىن ھەر قانداق قىلىپمۇ قۇتۇلالمايدىغانلىقىدەك قورقۇنۇچنى ھېس قىلىشى مۇمكىن.»

جوڭكې تيەنجى شىركىتىنىڭ تېخنىكا دېرىكتورى جاڭ فېڭ «قاراماي گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «بۇ شوپۇرسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقچى چارلاش ماشىنىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا قوللىنىلىشىدۇر. قارامايدىكى سىناق تۈرىدىن كېيىن، بۇ ماشىنىلار پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.»

جاڭ فېڭ بۇ ماشىنىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن قارامايدا سىناق قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، قاراماينىڭ ناھايىتى ئەۋزەل ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ قارامايغا جايلاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

بۇ ھەقتە كىيىنكى پروگراممىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.