ماۋىي ھىلال (كۆك ئاي) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ئىستانبۇلدىكى ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.07.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ماۋىي ھىلال (كۆك ئاي) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ئىستانبۇلدىكى ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقاتتى ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمىيىتى رەئىسى ئابدۇرەھىم ئەزىز ئوغلى قۇربان ھېيتتا ئۇيغۇر ئوسمۈرلەرگە ھېيتلىق تارقاتماقتا. 2022-يىلى ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ماۋىي ھىلال (كۆي ئاي) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋېتى بىلەن 650 قوي ۋە 70 كالىنىڭ گۆشىنى ئىستانبۇلدىكى ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە تارقاتقان.

ئىگەللىنىشىچە، 2013 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ بەزىلىرى پاسىپورت بىلەن بەزىلىرى باشقا يوللار ئارقىلىق تۈركىيگە كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن كۆپىنچىلىرى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۈچ كەلمەكتە. بۇلار  2017 – يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىقتىسادى مەنبەلىرى ئۈزىلىپ قېلىپ ئېھتىياجلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

ماۋى ھىلال (كۆك ئاي) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە 2019 – يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ۋە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان قۇربانلىق قويلار. 2022-يىلى ئىيۇل، ئىستانبۇل.
ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان قۇربانلىق قويلار. 2022-يىلى ئىيۇل، ئىستانبۇل.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ماۋىي ھىلال (كۆك ئاي) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماۋىي ھىلال (كۆك ئاي) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، تۈركىيىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە 2019 – يىلى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان.

ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى، بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان 5000 ئۇيغۇرغا ھەر خىل تۈردە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ يېقىندىن بۇيان ياردەم ئالىدىغانلارنىڭ سانى ئازىيىپ 2000 ئۇيغۇرغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا يىمەك – ئىچمەك، ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ بېرىش، كېسەل بولۇپ قالغانلارنى دوختورخانىدا ھەقسىز داۋالىتىش ، ئاي – كۈنى توشقان ھامىلدار ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىدا تۇغۇش چىقىملىرىنى تۈلەپ بېرىش دېگەندەك ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ جەمئىيەت رامىزان ئېيىدىمۇ نۇرغۇن ئائىلىلەرگە يىمەك – ئىچمەك ۋە ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تۈلەپ بېرىش دېگەندەك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە يېقىندا ئىككى دوختۇرخانا بىلەن ئۇيغۇرلاردىن كېسەل بولۇپ قالغانلارنى ھەقسىز داۋالىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان.

بۇ جەمئىيەت يېقىندا يەنە 50 ئۇيغۇر پەرزەنتىنى توپلاپ دوختۇرخانىدا بىرلا ۋاقىتتا ھەقسىز خەتنە قىلدۇرغان، تۈركىيەدە ئۇنىۋېرىستىت پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 50 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ توي راسخوتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇشىغا ۋاسىتە بولغان.

ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى، بۇ خىل ياردەم خىزمەتلىرىنى بەزى ساخاۋەتچى تۈرك جەمئىيەتلەر ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىكى ياردەم جەمئىيەتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ماۋىي ھىلال (كۆك ئاي) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ئىش – پىلان تۈزۈش مەسئۇلىي ئۆمەرجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۆمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلار لايىھەلىگەن قۇربان ھېيتىلىق ياردەمنىڭ سىرتىدا، ئۆتكەن رامىزان ئېيىدا رامىزانلىق ياردەم پىلانىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان 600  ئائىلىگە يىمەك – ئىچمەك ۋە ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تۈلەپ بېرىش دېگەندەك ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىپ بەرگەن.

ئۆمەرجان بۇ خىل ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىشى بولسا، ھازىرقىدەك تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولمايۋاتقان، نەرسە – كېرەكلەرنىڭ باھاسى ئۆزلۈكسىز ئۈسىۋاتقان بىر پەيتتە ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بۇ سەۋەبلىك ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە روھىي- پىسخىكىلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ياردەم تۈرلەرنىڭ داۋاملىشىىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەيلى ساغلاملىق بولمىسۇن ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋە ياكى تەلىم تەربىيە جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ ئۇلارغا ياردەمچى بولۇش، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش بەك مۇھىم، بۇ ئارقىلىق ئۇلار تېخىمۇ ساغلام، بېسىمدىن خالىراق ھالەتتە مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىشىغا پايدىسى بار دەپ قارايمىز».

ئىگەللىنىشىچە، ماۋىي ھىلال (كۆي ئاي ) ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، ئىستانبۇلدا، 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا يامراشقا باشلانغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى د ئۇ ق نىڭ يېتەكچىلىكىدە «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرغانىدى. مەزكۇر مەركەز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 160 مىڭ دوللار پۇل ئىئانە توپلاپ تارقاتقان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.