ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق، سىياسىي ئىنتىزام ۋە نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.05.05
ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق، سىياسىي ئىنتىزام ۋە نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
news.ts.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي 26-ئاپرىل خوتەندە قىلغان زىيارىتى ۋە 27-ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېىچلغان مەخسۇس يىغىندا، «مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەدلىيە-قانۇن سېستىمىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەشكە تەييار تۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش، مەركەزنىڭ ئوۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قەتئىي بويسۇنۇش» دېگەنلەرنى تەكرار تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە، نىيە ۋە چىرا قاتارلىق ناھىيىلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇقىملىق ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە كۆزدىن كەچۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ ئورۇنلاردىن «مۇقىملىقنىڭ يۈكسەك سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا ئىزچىل داۋام قىلىشىغا مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە بۇ ئورۇنلاردىن «دائىملىق كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرۇشىنى، ئ‍اشقۇنلۇق ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى قەتئى بوشاشتۇرماسلىقنى، زور كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرماسلىقنى، ھەر ۋاقىت مۇقىملىق خىزمىتىنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش» نى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ خوتەندىكى نامراتلىق ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 28-ئاپرىلدىكى خەۋىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي 27-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدىمۇ «مۇقىملىق» مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە «سىياسىي تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئومۇمىييۈزلۈك ۋە قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ نازارەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» نى قايتا-قايتا تەكرارلىغان.

ما شىڭرۇي يېقىندا خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يوقىرى بېسىملىق سىياسەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ما شىڭرۇي ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان ئۇ  ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسىي ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن خىزمەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكىنى ساقلاش، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى› نى تۇرغۇزۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننى يۇغۇرۇش قاتارلىقلارنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلگەن.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىقنى داۋاملىق تەكىتلىشى يېڭىلىق ئەمەس. ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىرقانچە ناھىيەسىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولۇشى ۋە بۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى، سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ئالاھىدە خىزمەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى دىققەت قىلارلىق بىر نۇقتا ئىكەن.

يۇتۇپ تورىدا خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئانالىز پروگراممىلىرى بىلەن تونۇلغان، ھازىر ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھرىدە تۇرۇشلۇق تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان مۇستەقىل ئانالىزچى ما جۈ (马聚) ، يەنى جۈمە ئەپەندى ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇ بالىلىق مەزگىلىدە ئائىلىسى بىلەن گەنسۇدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تېكەس ناھىيىسىگە كېلىپ، ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ھازىر ئكزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 ما جۈ ئەپەندى 29- ئاپرىل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ما شىڭرۇينىڭ خوتەن زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ رايوندا داۋاملىق «مۇقىملىق» نى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ما شىڭرۇينىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك خىتاي سېكرىتارلىرىغا ئوخشاشلا «مۇقىملىق» ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالى ئۈچۈن دەسمايە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

 ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى خوتەن ۋىلايىتىدە مۇقىملىقنىڭ تەكىتلىنىشى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇمىييۈزلۈك مۇقىملىقنىڭ تەكىتلىنىشى بولسۇن، بۇنىڭدىكى بىرىنچى ئامىل بۇ يىل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلماقچى. ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىم قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا ۋاكالىتەن خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇرۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرەلىشى  ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايوندا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە باغلىق. بىز شۇنى بىلىمىزكى، ئۆتكەن يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ئاتالمىش ‹تېرورلۇق ھۇجۇملىرى› دەپ ئاتىغان ئىدى. ھالبۇكى ئاتالمىش ‹تېرورچى› لار ۋە ‹تېرورلۇق ھۇجۇملىرى› ھەققىدە خەلقئاراغا قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئاتالمىش ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام  پارتىيەسى› نى ‹تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى› دىن چىقىرىۋەتتى. مانا بۇ ئەھۋال بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىن باشلاپلا، ئاتالمىش ‹تېرورلۇق ۋەقەلىرى› نى باھانە قىلىپ، رايوندا مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە ‹تۆھپە› كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ما شىڭرۈي كەلگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك مادارى قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا بۇ نۇقتىنى تەكىتلىشى،  ما شىڭرۈينىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ  يۇقۇرىغا ئۆرلەشتەك شەخسىي مۇددىئاسىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.»

ما جۈ ئەپەندى يەنە ئىلگىرىكى يىللاردا قارشىلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن خوتەنننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك جاي ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرىتارلىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى پاكىستاننىڭ بالۇچىستان رايونىدا يۈز بەرگەن كوڭزى ئىنىستىتوتىنىڭ 3 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە ئافغانىستاندا يېقىندا يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى ھەركەتلەرنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە پاكىستان، ئافغانىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتايدىن ئېرىشىدىغان مەنپەئەت بەدىلىگە ئۆزىنى «خىتاينىڭ يېقىن دوستى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندىكى خەلقلەر يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىكەن. مانا بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن.

بۇ ھەقتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ماشىڭرۇينىڭ خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا خوتەندە قانۇن ئورگانلىرىغا قىلغان سۆزىدە «مۇقىملىقنى قوغداش» نى ئالاھىدە تەكىتلىشى، گەرچە يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ يەنىلا رايون ۋەزىيىتىدىن خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «دۈشمەن» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا ئېلىپ بارىدىغان باستۇرۇشلىرى خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ بولغان شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى مەركەز قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ داۋاملىق ھالدا «ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆستۈرۈش» نى تەكىتلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاتتىق يوسۇندا داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.