ئالىمە مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم ئامېرىكانىڭ بوستون شەھرىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت-ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتچىسى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان ۋە ئۈزلۈكسىز پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا دىققەت ئاغدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز چاقىرىپ كەلمەكتە.
بىرنەچچە ئايدىن بۇيان مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم باشچىلىقىدا ھەر شەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ بوستون شەھرىدىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى سېتىش ئورۇنلىرىدا نارازىلىق نامايىشلىرى داۋام قىلماقتا. بۇ نامايىشتا گېرمانىيەنىڭ ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئىنكاسقايتۇرۇشقا چاقىرماقتا.
فېيسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللانغان نامايىش ھەققىدىكى سىن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نامايىش نۆۋەتتە بارغانچە كېڭىيىپ، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 30 دىن ئارتۇق شەھەرگە قەدەر كېڭەيگەن.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھرىدىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل سېتىش شىركەتلىرى ئالدىدا بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان ھەر شەنبە كۈنى نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مايسەم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بوستوندىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى سېتىش ئورۇنلىرى ئالدىدا نامايىش قىلغىنىدا، ۋولكسۋاگېن شىركىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا خېرىدارلارنى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى ئالماسلىققا دەۋەت قىلغان.
مايسەم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بوستون قاتارلىق شەھەرلەردىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنى سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ سىرتىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خېرىدارلارغا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
مايسەم خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇلارنىڭ نامايىشىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغان بىر قىسىم ئامېرىكالىق خېرىدارلار ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلىنى ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىكەن. مايسەم خانىم يەنە ئۆزى باشچىلىقىدىكى نامايىشچىلارنىڭ بوستوندىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل سېتىش شىركەتلىرى خادىملىرىنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ساقچى چاقىرىپ نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز ئامېرىكانىڭ بوستون شەھرى ئەتراپىدىكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل سېتىش شىركەتلىرىنىڭ تېلىفون مۇلازىمەت نومۇرى بويىچە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشتۇق.
ۋولكىسۋاگېننىڭ بوستوندىكى 1-ئاپتوموبىل سېتىش ئورنىدىن تېلىفوننى ئالغان مۇلازىمەتچى خادىم مۇنداق جاۋاپ بەردى: «شۇنداق، بىز بەزى زاپچاسلارنى ئىشلەتتۇق، بارلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر شۇنداق قىلىدۇ.»
بىز ئۇنىڭدىن «بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەنگىنىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. خىتاي بازارلىرى بىلەن ئامېرىكا بازارلىرى ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن تەس. ئاپتوموبىلغا كېرەكلىك زاپچاس مەنبەلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ئۆزى تاللايدۇ. خىتاي بازىرىدا سېتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ مەنبەسى بىلەن ئامېرىكا، مېكسىكا زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ مەنبەلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىمىز گېرمانىيەدىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلمەيدۇ. دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ يەنى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ پارچىلىرى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلتۈرۈلىدۇ.»
بوستوندىكى 2-ئاپتوموبىل سېتىش ئورنىنىڭ خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، ئۇلار سېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىزنى خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى ئىشلىتىپ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بۇ توغرا ئەمەس. بىزنىڭ شەناندودا زاۋۇت مەركىزىمىز بار. بىزنىڭ يەنە مېكسىكادىمۇ بىر مەركىزىمىز بار.»
بىز ئۇنىڭدىن «سىز ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى ۋە ھازىرمۇ خىتايدىكى زاۋۇتلاردا، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئىشلەنگىنىدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خەۋىرىم يوق، بىزنىڭ مېكسىكا، ئامېرىكانىڭ تېنېسى شىتاتى ۋە گېرمانىيەدە ئاپتوموبىل ئىشلەش زاۋۇتلىرىمىز بار. بۇلار ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىدىغان ئاپتوموبىللار ساقلىنىدىغان جايلار. ئامېرىكادا سېتىلىدىغان ئاپتوموبىللار خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەنمەيدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەنىڭ ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق ئاپتوموبىل شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زاۋۇتلىرى بار ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېرغا قامىغاندىن بۇيان، بۇ شىركەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان زاۋۇتلىرىنى تاقاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىرىلغان ئىدى. ھالبۇكى، ۋولكسۋاگېن رايوندىكى زاۋۇتلىرىنى تاقاش مەسىلىسىدىن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز قاچۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.