«بۈگۈنكى ئامېرىكا» (USA TODAY) خەۋەر تورى 2-ئاپرىل كۈنى «بوستونلۇق ئايالنىڭ دوستى يوقاپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خىتاينىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› غا دىققەت تارتىشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ئايال دەل بوستوندىكى ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، بوستون ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئالىمە مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىمدۇر.
مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دوستى ئىمامجان ئىبراھىم 2014-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن ۋە 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئىمامجان ئىبراھىم ھەققىدە رادىيومىزنىڭ ئىگەللىشىچە، ئۇ 1985-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2004-يىلدىن 2009-يىل 7-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 2010-يىلى 6-ئايدىن 2011-يىلى 12-ئايغا قەدەر توكيو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللىرى بۆلۈمىدە زىيارەتچى ئىلمىي خادىم بولۇپ بىلىم ئاشۇرغان. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغا قەدەر ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئۇ بوستوندىكى «بېت ئىسرائىل تېببىي مەركىزى» دە بىر مەزگىل ئىشلىگەن.
مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم 2017-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدە ئىمامجان ئىبراھىمدىن تۇيۇقسىز تېلېفون تاپشۇرۇپ ئالغان. ئىمامجان تېلېفۇندا ئۆزىنىڭ پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنىغانلىقنى ئېيتقان ۋە تېلېفۇن ئۈزۈلۈپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىمامجان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.
مايسەم خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمامجان تولىمۇ تىرىشچان، ئاقكۆڭۈل، ئىستىقباللىق ياش ئىكەن. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچلىق» سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
مايسەم خانىم سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرسىگە ئىگە چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.
پروگرامىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندە مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىز.