ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلىياتسىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.02.12
ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلىياتسىيەسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر» خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناشقا تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلار. 2019-يىلى فېۋرال.
ts.cn

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تارتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىللىق خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بىردەك ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتايچە كىيىنىپ، خىتايچە قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا، ئاتالمىش خىتاي «قوشماق تۇغقان» لىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايلاردەك چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە جايلاردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ 2021-يىللىق «باھار بايرىمى»، يەنى چاغان ئۈچۈن مەخسۇس سەنئەت پروگراممىلىرى تەييارلىغانلىقى، جايلاردا چاغانلىق ھال سوراش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا.

دائىرىلەر يەنە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مەدەنىيەت پروگراممىلىرىدا ۋە ئۈندىدار، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر مۇنبەرلىرىدە، ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىكى مەسنەۋى چاپلاش، چاغاندىكى مېھماندارچىلىقتا ھاراق ئىچىش، بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈش قاتارلىق خىتايلارنىڭ چاغانلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىملارنى كۆپلەپ تارقاتقان.

ھالبۇكى، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، خەلقئارا تاراتقۇلاردا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «تېرورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەلىرىنى تۈگىتىش دېگەندەك ھەر خىل باھانىلاردا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىپ، خورلىنىشقا ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ۋە ئۇ يەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىدە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مۇھىم خەۋەر تېمىسى بولماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى جازالاش تەدبىرلىرى تەشەببۇس قىلىنماقتا ۋە يولغا قويۇلماقتا.

چەت ئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچىسى تاڭ دەنخۇڭ خانىم ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى ۋە دىنىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسرالىيەدىكى يازغۇچى تاڭ دەنخۇڭ خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشىنى «خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى» دەپ ئاتىدى.

تاڭ دەنخۇڭ خانىم يەنە مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىدە بولسۇن ياكى خىتاي خەلقىدە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئۇنى چەكلەش خاھىشىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يەكلەش، باشقا مىللەتلەرگە خىتاي مەدەنىيەت كىملىكىنى مەجبۇرى تېڭىش، ئەمەلىيەتتە تارىختىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىدىن قالغان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان زېمىنلاردىكى قەۋملەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يەكلەش، تۆۋەن كۆرۈش ۋە قوبۇل قىلماسلىق خاھىشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتلىرىدىن بىرى بولغان «قارىقاش ھۆججەتلىرى» نى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر

خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى ۋە دىنىي بايراملىرىنى چەكلەپ، خىتاينىڭ «چاغان» بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشىنى، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر، دېدى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسەتتىكى تەشۋىقاتلىرى، بۇيرۇق-پەرمانلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى، تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەتنىڭ بېسىۋېلىنغان زىمىندىكى يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دىيىشكە بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.