فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت: «تارتقان سۈرەتلىرىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ۋەتەننىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغۇسى»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ «ئانا يۇرت» تېمىسىدا مەخسۇس كۆرگەزمە قىلىنىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەنىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە 3 ئاي ئېچىلىش پىلانلانغان بۇ كۆرگەزمە، زىيارەتچىلەرنىڭ ئالقىشى ۋە تەلەپلىرى بىلەن يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلىپ 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاياغلاشقان. ئابلىكىم ئەمەت «ئانا يۇرت» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ياراتقان ئىجتىمائىي ئۈنۈمىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ياشاۋاتقان فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەسپىي فوتو سۈرەتچىلىك ۋە خەتتاتلىق بىلەن تونۇلغان سەرخىل سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھۆسنخەت ئىجادىيەتلىرى ۋە فوتو سۈرەتلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي ئىچىدىكى كەسپىي فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىدە يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ، كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان.

بۇ قېتىم ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ «ئانا يۇرت» فوتو-سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە ئۇنىڭ 15 يىللىق ئەمگىكىنىڭ جۇلاسسى بولغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئابلىكىم ئەمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاغ-دەريا، باغۇ-بوستانلىرى، چۆل-باياۋان، قۇم بارخانلىرى، قەدىمىي توغراقلىق، مەدەنىي يادىكارلىق ئىزنالىرى قاتارلىقلارنى ئارىلاپ تارتقان سۈرەتلىرى ھەمدە يىراق ۋە ئايروپىلاندىن تارتقان ستورولۇق سۈرەتلىرى قويۇلغان.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە كۈپ قېتىم زىيارەتتە بولغان، ئۇيغۇر مازارلىقلىرىغا ئائىت فوتو-سۈرەتلەر توپلىمى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ئامېرىكادىكى داڭلىق فوتوگراف لىسا رۇس خانىمنىڭ بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى باھاسى كۇپايە. لىسا رۇس، كەسپىي نۇقتىدىن ئابلىكىم ئەمەتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئالغان سەتئەتكارغا خاس ئېستېتىك تۇيغۇلىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلدى:

ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى

«ئابلىكىم ئەمەت پەۋقۇلئاددە تالانتلىق فوتوگراف، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەنزىرىسى، دەريالىرى، تاغلىرى، قەدىمكى دەرەخلىرى ۋە پەقەت تەبىئەتلا يارىتالايدىغان رەڭدارلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋەتىنى، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە رىۋايەتلىرىنى تەنتەنە قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ سېغىنىشى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ توغرا پەيتنى تۇتالىغان بۇ فوتو-سۈرەتلەردىكى ئوبرازلارنىڭ مۇكەممەللىكى، فوتوگرافنىڭ كۈزىتىشچانلىقىدىكى خاسلىق، ئۆزگىچىلىك ھەمىشە بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى رەڭلەر بىزنى تەبىئىيلا ئۇنىڭغا شۇڭغىتىدۇ ۋە بىز ئۇنىڭدا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىپ ۋە كەڭ كۆلەمدە ھەمبەھىرلىنىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ باي ۋە ھەيۋەتلىك ۋەتىنى بىلەن بىللە ياشىيالايدۇ ۋە ئويلىيالايدۇ.»

ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى جۇلالانغان فوتو سۈرەتلىرىنىڭ بىر توپلام بولۇپ نەشر قىلىنىشى پەقەت ئۇنىڭلا ئارزۇسى بولۇپلا قالماي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرى ھەم ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنى خالايدىغانلارنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئارزۇسى بولسا كېرەك.

فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئۇيغۇرلارغا تەۋە نۇرغۇن تەرەپلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇنداق فوتو-سۈرەتلەر توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ ھازىر تەييارلىق باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگۈسى تەسىرى ۋە ئۈنۈمىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇبادا ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى روياپقا چىقىپ توپلام نەشر قىلىنسا ئۇ بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەن يادنامىسى، ئائىلە ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋەتەننى سۆيۈش، كىملىك تەربىيەلىرى ئېلىپ بارىدىغان ئوبرازلىق ۋە جانلىق بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ: «بۇ توپلام ھەتتا تەتقىقات جەمئىيەتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر ماتېرىيال بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ ئەھمىيىتىنى تاپقۇسى» دېگەن تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.

فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن بىرى
فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن بىرى (Ablikim Emet)

ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى 3 ئاساسلىق تاغ تىزمىسى، ئىككى چوڭ ئويمانلىق، قارلىق چوققا، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە دەريا-كۆللەر، كارىز ۋە بۇلاقلار، ئۇ يەرلەردىكى تارىخىي ئىزنالار، تەبىئەتنىڭ تۆت پەسىلدىكى رەڭدارلىقى ۋە گۈزەللىكى ئەكس ئەتكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل قىياپەت ئوبرازلىرى، كىيىم-كېچەك، مەدەنىيەت سەنئىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار مۇجەسسەملەشكەن،

ئابلىكىم ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى ئۇلار چەتئەللەردە قانچىلىك نام-شۆھرەتلەر قازانسۇن، ئىجادىيىتىنىڭ بۇلىقى بولغان ۋەتىنى ۋە خەلقىدىن ئايرىلغان ئۇلارنىڭ يەنىلا ئۆزلىرىنى سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئوخشاش، ۋەتىنىگە تەلپۈنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ سېغىنىشى پەقەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تەسكىن تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن بىرى
فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن بىرى

ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىنى ھەممىدىن خۇشال قىلغىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇنىڭ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، ئەتىۋارلاپ ئۆيىنىڭ بېزەك بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى ئىكەن.

ئۇ ئۆزىنى قوللاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مىننەتدارلىقىنى ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرىنى «فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىم بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغۇسى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى.