مەشھۇر ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە

0:00 / 0:00


بۈگۈن، 2016 - يىلى، 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە مول - ھوسۇللۇق خىزمەتلىرى بىلەن دائىم ياد ئېتىلىپ تۇرىدىغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 21 يىللىقى.

ئۇ، 1923 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، چاغداشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ئىدى. ئۇ 1995 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋاپات بولغاندا، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى» دېگەن ھەسرەتلىك سادالار لەرزىگە كەلگەن ئىدى.

ئارىدىن 21 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مەرھۇمنىڭ ئۆز ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرى ۋە تەسىر - تۇيغۇلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ياشنىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەرھۇمنى ئەسلەپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

abdurehim-otkur-150.jpg


ئەينى چاغدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىلىرىدىن مىللىي تۇيغۇلىرى كۈچەيگەن گوللاندىيەدىكى ئابدۇسالام غېنى ئەپەندى ئۆزىنىڭ غۇلجا دىيارىدىكى چاغلىرىدا مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاڭلاپ يۈرگەنلىرىنى ئېيتتى.

گوللاندىيەدىكى دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە ئەمگەكلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، مەرھۇمنى تۆھپىلىرىنى تىلغا ئالدى.

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن غەيرەتجان روزى ئەپەندى مەرھۇمنىڭ دەپنە قىلىنغان چاغدىكى مەنزىرىلەرنى ۋە كېيىنكى زاراتگاھلىق زىيارىتىدىكى كۆرگەنلىرىدىن مەرھۇمنىڭ ئالىيجانابلىقىنى ۋە خەلقپەرۋەرلىكىنى تەرىپلىدى.

ئەينى چاغدا مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تەلىمىدىن بەھر ئالغان ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كاتىپلىقىنى قىلىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى دەۋردە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىدىن ئاڭلىغان بىر سۆزنى ھازىرغىچە ھەمراھ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدىكى تەدبىر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندىمۇ مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرىنى ۋە ئۆزىگە قىلغان تەسىرىنى بايان قىلدى.