ئالماتادا «ئۇيغۇر ئالىمەلىرى» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

9-نويابىردا ئالماتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە «ئۇيغۇر ئالىمەلىرى» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر مۇراسىم قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى تەركىبىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر ئانىلار كېڭىشى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ئۆتكۈزۈلدى. رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ئەنە شۇ كېڭەشنىڭ پەخرىي رەئىسى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا كۆپ كۈچ چىقاردى.

قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر ئالىمەلىرى» ناملىق كىتابتا ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمەلىرىنىڭ قىسقىچە ئۆمۈر بايانى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى يورۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئايشەم شەمىيېۋا، ئەدىلەم ئەيساروۋا، ئەلىمە ئەيسىراخۇنوۋا، پاتىگۈل سابىتوۋا قاتارلىق كۆرنەكلىك ئالىملار بار.

دوستلۇق ئۆيىدە بولۇپ ئۆتكەن مۇراسىمدا ت. تېيىپوۋانىڭ ئىش-پائالىيىتى توغرىلىق چۈشۈرۈلگەن فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، سۆزگە چىققان ت. تېيىپوۋا كىتابنىڭ تەييارلىنىش سەۋەبلىرى، ئۇيغۇر ئالىم قىزلىرىنىڭ ژەمىيەتتە، ئائىلىدە تۇتقان ئورنى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىلىم-پەنىنى ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى. مۇراسىمدا شۇنداقلا ئالىمە ۋە شائىرە پاتىگۈل مەخسەتوۋا، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋا، يازغۇچى ۋە شائىرلار دۈرنەم مەشۈروۋا، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ۋە مەھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموفلار، تارىخچى قاسىم مەسىمى، «تۇران دۇنياسى» جەمىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروۋ ۋە باشقىلار كىتابنىڭ يورۇققا چىقىشى بىلەن ھەممىنى تەبرىكلەپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئىلىم-پەن يولىدا تىنماي ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمەلىرىگە زور ئۇتۇقلار تىلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف مەزكۇر تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ باشقىچە ئۆتكەنلىكىنى، ت. تېيىپوۋانىڭ ھەقىقەتەنمۇ مىللەت ئۈچۈن چوڭ بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم مەدەنىي ۋەقە يۈز بەردى، دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن. چۈنكى بىزنىڭ جەمئىيەت ئاكتىپى تۇرسۇنئاي ھەدە تېيىپوۋا قازاقىستان دىيارىدا ئانىلار كېڭىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلگەن. ئۆز ۋاقتىدا بۇ قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى تەركىبىدىكى مۇھىم كېڭەشلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، ناھايىتى كۆپ پائالىيەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن كېڭەش. بۇ كېڭەشكە ت. تېيىپوۋا ئۇزاق يىللار مابەينىدە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدى. بۇ، ئەڭ مۇھىمى قازاقىستان دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ، ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. مانا مۇشۇ جەرياندا ھەدىمىز ناھايىتى چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتتى، دېسەك بولىدۇ. كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا ناھايىتى كۆپ ئادەم كەلدى. ھەممىسى قانداق يۆنىلىشتە ماڭىمىز، نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك، ھازىر نېمە مۇھىم، قانداق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، دېگەن ناھايىتى جىددىي سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم مۇھاكىمە قىلدى. بۇنىڭ ئورنىدا ئاياللار نېمە قىلىشى كېرەك، ئاياللارنىڭ شۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇمكىنچىلىكى بارمۇ، شۇنىڭغا قادىرمۇ؟ ئومۇمەن نۇرغۇنلىغان مىللىي مۇھىتىمىزغا ئائىت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالىم سۈپىتىدە مۇشۇ مۇراسىمغا قاتناشقىنىمغا خۇرسەنمەن.»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر كىتابنى تۈزگۈچى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئالىم قىزلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىنى كەچ كىرگىچە ئىشلەپ ئۆيگە كېلىپ، يەنە ئانىلىق، ئاياللىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ، كېچىلەپ ئولتۇرۇپ، ماتېرىيال كۆرۈپ، نامزادلىق، دوكتورلۇق ياقلىغان. بۇنىڭغا ئاپىرىن دېيىشكە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ نۇرغۇنى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئۆسكەن، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. بۇلار شۇنىڭغا قارىماي تىرىشىپ، يەنە ئىلمىي ئىشلىرىنى رۇسچە، قازاقچە، ئۆزبېكچە ياقلىغان. ئۈچىنچىدىن، نۇرغۇنى بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ، دەپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بېرىشتىن قورقىدۇ. مانا شۇلارنىڭ ھەممىسىگە مېنىڭ كىتابىم جاۋاب بولىدۇ.»