ئالماتادا قازاقىستان خەلق ئارتىسى زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 80 ياشلىق تەۋەللۇتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-01-08
Share
zinnet-ekberowa-qazaqistan-artis.jpg زىننەت ئەكبەروۋا ياشلىقىدا
RFA/Oyghan


8 - يانۋاردا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا قازاقىستان خەلق ئارتىسى زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 80 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا تىياتىر كوللېكتىپى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت - جامائەتچىلىك، زىيالىيلار، تەۋەللۇت ئىگىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يۇرتداشلىرى قاتناشتى.

دەسلەپتە ئارتىسنىڭ تەرجىمە ھالى ۋە ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان فىلىم كۆرسىتىلدى. تەبرىك سۆزلەر بىلەن سەھنىگە چىققان ئۇيغۇر تىياتىرى مۇدىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ساۋۇتجان سونۇروف ھەم تىياتىرنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئالىمە ۋە شائىرە پاتىگۈل مەخسەتوۋا، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ كوللېكتىپى نامىدىن ئېرشات ئەسمەتوف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى نامىدىن يازغۇچى ۋە شائىر تېلمان نۇراخۇنوف، «بىنت» جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قوزىيېف، شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئابدۇللام ھوشۇروف ۋە ئەختىرىم ئەخمەتوۋا، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموف، «ئالمۇتا كۆۋرۈك ئىنشائاتلىرى زاۋۇتى» مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى مۇرات خىزمەتوف، زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ ئىنىسى، «ئىناق بالىلار» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، ژۇرنالىست ۋە سەنئەتكار ئالىمجان ئەكبەروف ۋە باشقىلار تەۋەللۇت ئىگىسىنى تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ سوغىلىرىنى تاپشۇردى.

مۇراسىم داۋامىدا ئۇنىڭ رىياسەتچىسى تۇردىبۈۋى ئابلىزوۋا مېھمانلارغا قازاقىستان پارلامېنتى ئەزاسى مۇرات ئەخمەدىيېف، قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرى ئارىستانبېك مۇھەممەت ئوغلى، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى دۈيسېن قاسېيىنوف ۋە باشقىلارنىڭ تەبرىك خەتلىرىنى ئوقۇپ بەردى.

مۇراسىمدا سۆز ئالغان قازاقىستان خەلق ئارتىسى، ئاتاقلىق ناخشىچى نۇربۈۋى مەمەتوۋا ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ بولۇپمۇ 1941 - ۋە 1945 - يىللىرىدىكى كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۇيغۇر تىياتىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر مۇراسىم داۋامىدا زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ قاتنىشىشى بىلەن قويۇلغان سەھنە ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر، ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرى تەييارلىغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموف زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ تەۋەللۇتىنىڭ پەقەت تىياتىر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ چوڭ بايرام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «زىننەتگۈل ئەكبەروۋا توغرىلىق قانچە ئېيتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن شېرىك سۈپىتىدە قانچە ئەسەرلەرنى بىللە ئوينىدۇق. ئۇ كۆپلىگەن ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. ئەگەر تىياتىر تارىخىغا نەزەر سالساق، ئۇسسۇلچىلىقتىن سەھنە ئارتىسى كەسپىگە قىزىققانلىقتىن ئۆتۈپ، كۆپلىگەن ئوبرازلارنى ياراتتى. ھازىر تىياتىرىمىزدا ئىشلەۋاتقان ياشلار ناھايىتى بەختلىك. زىننەت ھەدىنى مەن مۇشۇنداق تەجرىبىلىك، تىياتىرىمىزنىڭ جاپاسىنى تارتقان، ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا تىياتىرىمىزنى ساقلاپ قالغان بىردىن - بىر ئانا، دەپ ئېتىراپ قىلغان بولاتتىم.»

زىننەتگۈل ئەسقەر قىزى ئەكبەروۋا 1935 - يىلى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتى ياركەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۈچ يېشىدىن باشلاپ سەنئەتكە قىزىققان ئۇ 1942 - يىلى يەتتە يېشىدا بالىلار ئىجادىيىتىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك كۆرىكىدە دەسلەپ قېتىم ئۆز ھۈنىرىنى نامايىش قىلىدۇ.

زىننەتگۈل ئەكبەروۋا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇسسۇل سەنئىتى تېخنىكومىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇ 1955 - يىلى ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، ھىندى، ئۇكرائىن ۋە باشقىمۇ خەلق ئۇسسۇللىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇنىڭدىن تاشقىرى، ياش ئارتىسنىڭ سەھنە ئارتىسلىق ۋە ناخشىچى تالانتى يېتىلىپ، كېيىنىرەك بىر قاتار مۇزىكىلىق ئەسەرلەرنىڭ باش قەھرىمانلىرى رولىنى ئۇتۇقلۇق ئويناپ چىقىدۇ ھەم مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. «ئانارخان»، «سەنەم»، «نۇزۇگۇم»، «نۇرخان»، «تاھىر - زۆھرادىكى» «زۆھرە»، «مالىنوفكىدىكى تويى» دىكى «يارىنكا»، «ئارشىن مال ئالان» دىكى «گۈلچېھرە»، «مايسەرىنىڭ ئىشى» دىكى «ئايخان» ئوبرازلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. زىننەتگۈل ئەكبەروۋا شۇنداقلا «قىز ژىبېك»، «ئۆمەر مۇھەممەدى»، «كەچۈر مېنى، ئانىجان»، «بىر ياز، بىر قىش»، «ئانامنىڭ ئاق كۆڭلىكى»، «ئاماننىساخان» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ھەر خىل روللارنى يۇقىرى دەرىجىدە ئورۇنلاپ چىققان. ئۇ تىياتىر كوللېكتىپى تەركىبىدە قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، رۇسىيە، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق ئەللەردە بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنيا مەدەنىيىتىگە تونۇتتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسى تۇردىبۈۋى ئابلىزوۋا زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى سەھنىسىدە ئانارخاننىڭ ئوبرازىنى دەسلەپ ياراتقان ئارتىس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مۇقەددەس، تەۋەررۈك تىياتىرىمىزنىڭ تەۋەررۈك تويى. چۈنكى بۇ مۇشۇ تىياتىرنىڭ ھۈلىنى قۇرغان ئەسقەرجان ئەكبەروفلار سۇلالىسىنىڭ تويى. بۇ سەھنىلەردە ئاتىسىنىڭ ئىزىنى قىزى بېسىپ كەلدى. زىننەتگۈل ھەدە سەھنىدە بىرىنچى قەدەملىرىنى قويغاندا بىزنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازىمىز، رېژىسسور سېرگېي بوشويان ياش قىزنىڭ كەلگىنىنى كۆرىدۇ ۋە ‹ئانارخان› درامىسىنى قويىدۇ. ھەمراھنىڭ رولىنى ئابدۇرېھىم ئەھمەدىگە، ئانارخاننىڭ رولىنى زىننەتگۈل ئەكبەروۋاغا بېرىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ شۇ ‹ئانارخان› دا ئوينىشى تا مۇشۇ كەمگىچە خەلق ئېغىزىدا، دىلىدا داستانغا ئايلاندى.»

ت. ئابلىزوۋا ئەسقەرجان ئەكبەروف ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ھەلىمەنىڭ بىر پۈتۈن سەنئەتكارلار سۇلالىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، مۇنداق ھادىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ دادىسى ئەسقەرجان ئەكبەروف سازەندە، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، ئانىسى ھەلىمە بولسا، ئۇيغۇر تىياتىرنىڭ ناخشىچىسى. تۇنجى قىزى زىننەتگۈلدىن كېيىنكى قىزلىرى خالبۈۋى رېژىسسور، سېلىمەم بالېتمېيستېر، ئوغۇللىرى تېلمان بىلەن ئەنۋەر سكرىپكىچى سازەندىلەر، ئالىمجان كەسپىي ژۇرنالىست ھەم سەنئەتكار، ئادالەت ئۇسسۇلچى ھەم بالېتمېيستېر، نۇربۈۋى پىئانىنوچى. ئەكبەروفلار سۇلالىسى شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ يۇقىرى ئاتاقلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەنۋەر ئەكبەروف قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى، قۇرمانغازى نامىدىكى مىللىي كونسېرۋاتورىيەنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان دىرىژور. ئادالەت ئەكبەروۋا قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، ئالىمجان ئەكبەروف قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ئەربابىدۇر.

ت. ئابلىزوۋا سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «زىننەتگۈل ئەكبەروۋا تىياتىرىمىزنىڭ ئانىسى، سەھنىمىزنىڭ مەرۋايىتى، سەنئىتىمىزنىڭ ياقۇتى. مەن زىننەت ھەدىنىڭ ئائىلىسىدىن، ئۇنىڭ سەھنىدىكى روللىرىدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇ كۆپلىگەن كومېدىيىلىك روللاردىمۇ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتتى. بۇلارنىڭ ئائىلىسىدە قانداقتۇر بىر پۇراق، سىمۋول بار. زىننەت ھەدە، ئۇزاق ئۆمۈر ياشاڭ! ياشلارغا ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىڭىزنىڭ، مەكتىپىڭىزنىڭ سىرلىرىنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز. دائىم بار بولۇڭ، سالامەت بولۇڭ!»

زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ ئۇيغۇر كەسپىي تىياتىر سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەمگىكى يۇقىرى باھالىنىپ، ئۇ 1966 - يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، 1992 - يىلى قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ پەرمانى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى دېگەن ئالىي ئۇنۋانغا سازاۋەر بولدى. ئۇ شۇنداقلا بىر نەچچە قېتىم مەملىكەت رەھبىرىنىڭ ۋە قازاقىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى ۋە مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت