ئالماتادا رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروفنىڭ كۆرگەزمىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىگە بېغىشلاندى

0:00 / 0:00

3-نويابىردا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروفنىڭ شەخسىي توپلىمىدىن ئېلىنغان فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ھەم قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىگە بېغىشلانغان «سۈرەتلەردە ئۆتمۈش نامايان» ماۋزۇسىدىكى مەزكۇر كۆرگەزمىدە 200دىن ئوشۇق سۈرەت قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى، تۇرمۇش تىرىكچىلىكى ئوخشاش ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان «دۇنيا-ئارت» گاللېرېيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ھاكىمجان گۇلىيېف، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇدىرى رۇسلان توختاخۇنوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف ۋە باشقىلار رەسسامنىڭ كېيىنكى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا چوڭ مۇۋاپپەقىيەتلەر تىلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «دۇنيا-ئارت» گاللېرېيىسىنىڭ پرېزىدېنتى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھاكىمجان گۇلىيېف بۇ كۈنى قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن چوڭ بىر خۇشاللىق ھادىسە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ يېڭى مەۋسۇمىنىڭ ئېچىلىشى ھارپىسىدا پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ ياخشى تونۇلغان رەسساملارنىڭ بىرى كۈرەش زۇلپىقاروفنىڭ كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كۈرەش ‹جازۇشى› نەشرىياتىدا چوڭ رەسسام بولۇپ ئىشلەپ، پۈتۈن ئۆمرىنى كىتاب نەشر قىلىشقا بېغىشلىغان رەسسام. ئۇ دەم ئېلىشتا بولسىمۇ، تىنچ ياتماي، پۈتۈن ئۆمرى بويى يىغقان رەسىملەر ئارخىپىنى بۈگۈن بىزگە نامايىش قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى، ئۆز خەلقىنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆرگەزمە بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ بىزنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارغا كېرەكلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ھ. گۇلىيېف ئۆز سۆزىدە، ئەنە شۇ رەسساملارغا چوڭ مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىپ بېرىۋاتقان تىياتىر مەمۇرىيىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان يېڭىلىقلارنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەنئەت بۆشۈكى بولغان مۇشۇ ئۇيغۇر تىياتىرى بىناسىدا تەرغىب قىلىنىش لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۆرگەزمىدە مەركىزىي ئاسىيانى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ماكان ئەتكەن يەرلەرنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەكشۈرگەن چوقان ۋەلىخانوف، نىكولاي پرژېۋالسكىي، مىخائىل پېۋتسوف، نىكولاي پانتۇسوف قاتارلىق ئۇلۇغ تەتقىقاتچىلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش ۋە ئەمگەك مەيدانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئاتاقلىق ئالىملىرىنىڭ، يازغۇچىلىرىنىڭ، ئارتىسلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرى قويۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەسسام، «ئىلھام مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى كۈرەش زۇلپىقاروف مەزكۇر ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى 45 يىل مابەينىدە، يەنى 25 يېشىدىن باشلاپ توپلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئاتا-ئانىمىزدىن قالغان خىسلەتلەر بولۇشى كېرەك. خەلقنى، ۋەتەننى سۆيۈش. سۈرەتلەر 200دىن ئېشىپ كېتىپتۇ، شۇڭا كۆرگەزمە قىلاي دېدىم. مەن ئۇلارنى تاللاپ، ئەڭ ئېسىللىرىنى يىغدىم. ئۆزۈمنىڭ چۈشۈرگەن سۈرەتلىرىم 30-40 بولسىمۇ، 70 پىرسەنتى يىغقان سۈرەتلەر. دادام ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنى، تارىخىي رومانلىرىنى يېزىش ئۈچۈن مەلۇماتلار كېرەكقۇ، مەن ئۇلارنى خەلقىمىز كۆرسۇن دەپ يىغدىم.»

ئىگىلىشىمىزچە، ك. زۇلپىقاروف 1950-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1955-يىلدىن باشلاپ قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىدۇ. ئۇ گوگول نامىدىكى ئالماتا رەسساملىق مەكتىپىنى، ئاندىن تاشكەنتتىكى ئوستروۋسكىي نامىدىكى تىياتىر-رەسساملىق ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان. ك. زۇلپىقاروف ئۇزۇن يىللار «جازۇشى» نەشرىياتىدا چوڭ رەسسام بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى قازاقىستان، رۇسىيە، تۈركىيە، ئەنگلىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق كۆپلىگەن مەملىكەتلەردىكى كۆرگەزمىلەردە قويۇلدى. ك. زۇلپىقاروف بىلال نازىم، سېيىت مۇھەممەت قاشىي، ۋېلىباي يولداشېف، سادىر پالۋان ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ پەرزەنتلىرى پورترېتلىرىنىڭ ئاپتورى. ئۇ ئاتاقلىق يازغۇچى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئوغلى.