ئالماتادا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ 180 يىللىقى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

20-نويابىردا ئالماتادىكى قانىش سەتپايېف نامىدىكى گېئولوگىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ چوڭ زالىدا ئاتاقلىق قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوفنىڭ 180 يىللىقىغا بېغىشلانغان يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

جۇغراپىيە ئىنستىتۇتى، قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتى ۋە «ئالتۇن كىتاب» رېداكسىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن بۇ يىغىندا كلارا دىياروۋانىڭ «غىل-پال قىلغان مېتېئور. چوقان ۋەلىخانوف» ھەم ئىسمايىلجان ئىمىنوف ۋە ئوردېنبېك مازبايېفنىڭ «ئۇلۇق چوقاننىڭ كارۋان يولى بىلەن» ناملىق كىتابلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئوتتۇزدىن ئوشۇق ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى، شۇ جۈملىدىن جۇغراپىيەچىلەر، ئارخېئولوگلار، تارىخچىلار، يازغۇچىلار، ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خادىملىرى، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، مەملىكەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى قازاقىستان مىللىي جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپا ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر، تۇرپان، ئارتۇش قاتارلىق بىر نەچچە شەھەر ۋە يېزىلىرىنى ساياھەت قىلىپ، چ. ۋەلىخانوفنىڭ 19-ئەسىردە بېسىپ ئۆتكەن يولىنى تەكرارلىغان ئىدى. مەزكۇر گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە يازغۇچى، «ئەزىزانە قەشقەر» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئى. ئىمىنوفمۇ بولدى.

ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز 2014-يىلى ئىيۇل، ئاۋغۇست ئايلىرىدا بىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزگە باردۇق. ئاساسىي مەقسەت قازاقنىڭ ئۇلۇق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوف بارغان يەرلەرنى كۆرۈش. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياۋروئاسىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئو. مازبايېف بىلەن رۇسچە «ئۇلۇق چوقاننىڭ كارۋان يولى بىلەن» دېگەن كىتاب يازدۇق. بۇ كىتابتا مېنىڭ ئاساسىي مەقسىتىم، بىرىنچىدىن، چ. كىتابخانلارنى ۋەلىخانوفنىڭ تەقدىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرى، مەدەنىيىتى، تارىخى بىلەن تونۇشتۇرۇش بولدى. بۇ كىتابنىڭ ئىككى تۈرىنى تەييارلىدۇق. بىرى مۇشۇ كىتاب. ئىككىنچىسى، كېلەر يىلى بۇ كىتابنىڭ تولۇق نۇسخىسى چىقىش كېرەك. ئۇنىڭ ئاپتورى يالغۇز مەن.»

دۈگلەك ئۈستەلنىڭ رىياسەتچىسى قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى جۇغراپىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئاخمېتقال مېدېئۇ يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، كەلگەن مېھمانلارنى چ. ۋەلىخانوفنىڭ تەۋەللۇتى بىلەن تەبرىكلىدى. ئاندىن سۆزگە چىققان قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى مۇرات ژۇرىنوف، ئاكادېمىك ئالىيە بىسېنوۋا، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى كلارا خافىزوۋا، ياۋروئاسىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوردېنبېك مازبايېف، يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف ۋە باشقىلار چ. ۋەلىخانوفنىڭ دۇنيا ئىلىم پەنىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن باي مىراسىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېتنوگرافىيىسىنى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى، ئۇلار ماكان ئەتكەن جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبە بولۇپ، يەنە ئونلىغان، يۈزلىگەن يىللار خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر يىغىندا چ. ۋەلىخانوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە باي مەدەنىيەتلىك ۋىلايەتلىرىنىڭ بىرى قەشقەرىيەگە قىلغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيىسى ھەققىدە ئالاھىدە سۆز بولدى. دوكلاتچىلار ھەم سۆزلىگۈچىلەر چ. ۋەلىخانوفنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ھاياتىدا ھەم ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىدا تېخى يەنە ئېچىلمىغان كۆپلىگەن سىرلارنىڭ بارلىقىنى، كېلەچەك ئەۋلادلارنى ئەنە شۇ سىرلارنى ئېچىشقا تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئى. ئىمىنوف يىغىندا تونۇشتۇرۇلغان مەزكۇر كىتاب ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى چ. ۋەلىخانوفنىڭ ھاياتى، ئىككىنچى بۆلۈمى قەشقەرگە بارغان سەپەر ھەققىدە. كىتابتا ئۈرۈمچى، تۇرپان، توقسۇن، قاراشەر، لوپنور، كورلا، كۇچار، ئاقسۇ، ئارتۇش ۋە باشقىمۇ شەھەرلەر توغرىلىق يازدۇق. كېيىن قازاق ئالىملىرى بىلەن قەشقەردە بولدۇق. ئەڭ ئالدى بىلەن كونىشەرگە باردۇق. بۇ يەردە 500-600 يىل بولغان ئۆيلەر بار ئىكەن. ئەلۋەتتە، ھېيتگاھ مەسچىتىگە باردۇق. چ. ۋەلىخانوفمۇ بەش ئايدىن كۆپ ۋاقىت قەشقەردە ياشىغان. ئۇ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان بولۇشى كېرەك. بىز ئوپالغا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مازارىغا باردۇق. بۇ كىتابىمىزنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ كىتاب ياۋروپاغىمۇ بارىدۇ. ئارمىنىم ئامېرىكىدا، كانادادا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار بۇ كىتابنى ئوقۇسا بولاتتى، دەپ ئويلايمەن.»

مەلۇمكى، رۇس جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى، كۆپلىگەن پەنلەرنىڭ ئاساسچىسى چ. ۋەلىخانوفنىڭ ھەر ساھەلەر بويىچە يۈرگۈزگەن تەتقىقاتلىرى ئۇنىڭ «ئىسسىقكۆلگە قىلىنغان ساياھەت كۈندىلىكى»، «ئارتقى ئىلى ئۆلكىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئوچېرىكى»، «خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي رايونى ۋە غۇلجا»، «جۇڭغار ئوچېرىكلىرى»، «ئالتىشەرنىڭ ئەھۋالى ياكى خىتاي ئۆلكىسى نەنلۇنىڭ ئالتە شەرقىي شەھەرلىرى» ناملىق ماقالىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

چ. ۋەلىخانوف قەشقەر شەھىرى توغرىلىق باھالىق ئىلمىي مەلۇماتلار يىققان يەنە بىر ئاتاقلىق ساياھەتچى ماركو پولودىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرغان ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى رۇس، نېمىس، ئىنگلىز ۋە فىرانسۇز تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن.