ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3-نۆۋەتلىك پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش دوستلۇق مۇسابىقىسى 4-ئىيۇل كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە كالىفورنىيە ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىدى.

ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3-نۆۋەتلىك پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش دوستلۇق مۇسابىقىسى 1-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن بوستون شەھىرىدە باشلانغان ئىدى. 4 كۈن داۋام قىلغان مۇسابىقە جەريانىدا ۋىرجىنىيەدىكى ئۇيغۇر بىرلىك كوماندىسى، تەكلىماكان كوماندىسى، كالىفورنىيە ئۇيغۇر كوماندىسى، بوستون-نيۇيورك بىرلەشمە كوماندىسى ۋە كانادا ئۇيغۇر كوماندىسى قاتارلىق 5 كوماندا ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشكەن. مۇسابىقىلىشىش داۋامىدا بوستون-نيۇيورك كوماندىسى ئۈچۈنچىلىكنى قازانغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا كالىفورنىيە ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن ۋىرجىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى ھەل قىلغۇچ چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى ئويناش شەرىپىنى قولغا كەلتۈرگەن. كەسكىن داۋام قىلغان ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە ۋىرجىنىيە شتاتىدىن بارغان ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن كالىفورنىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 3-نۆۋەتلىك پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش دوستلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

مۇسابىقە ئاخىرىدا مۇسابىقە مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتون-ۋىرجىنىيە تەكلىماكان ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ كۈتكەندىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ يىللىق مۇسابىقىگە ۋىرجىنىيە شتاتىدىن تەكلىماكان كوماندىسىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كوماندىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، بۇ كوماندا ئاساسەن ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇشىدۇر. جۈرئەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار گەرچە مۇسابىقىلەردە ياشلارغا يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ روھى ياشلارغا ئۈلگە بولغان.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانا كوماندىسى، يەنى بوستون-نيۇيورك ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ تېرنېرى ئۇچقۇن غاپپار ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇچقۇن ئەپەندى سۆزى داۋامىدا، بۇ مۇسابىقىنىڭ بىر پۇتبول رىقابىتىدىن بەك، ياشلارغا مىللىي روھنى ۋە ئۇيۇشقاقلىق روھىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر سورۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەر يىللىق پۇتبول مۇسابىقىسىنى كېلەر يىلى ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ، ۋىرجىنىيە تەكلىماكان كوماندىسى ساھىبخانىلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.