خىتايدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلىق تېرىسانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى (1)
2019.01.21

تېرىسا: «خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادى ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ»
ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىمنىڭ 30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن. ئۇ خىتايدا ياشىغان يىللىرىدا خەن شيۇ دېگەن خىتايچە تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ دادىسى خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ئامېرىكا دىپلوماتى بولۇپ، ئانىسى خىتاي مىللىتىدىن ئىكەن. مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان تېرىسا خانىم 1948-يىلى بىر يېرىم ياشقا كىرگەن ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى 1978-يىلغىچە خىتايدا 30 يىل ياشىغان. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» يەنى بىڭتۇەننىڭ پولك مەيدانلىرىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باشتىن كەچۈرگەن ئاچچىق كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا بولغان كۈچلۈك تەنقىدىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس پروگراممىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلايسىلەر.
دادىسى ئامېرىكا دىپلوماتى، ئانىسى خىتاي مىللىتىدىن بولغان تېرىسا بۇكزاكى خانىم 1946-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مانخاتتان رايونىدا تۇغۇلغان. تېرىسا خانىمنىڭ 2010-يىلى خىتاي خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان ئۆز ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان «ئامېرىكىلىق قىزنىڭ خىتايدىكى ھاياتى» ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇ ھېچقاچان كۆرۈش نېسىپ بولمىغان دادىسى ۋېللىئې خانېن ئەسلى ئامېرىكىلىق ئوفىتسېر بولۇپ، ئۇ خىتاي-ياپون ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1943-يىلدىن 1945-يىلغىچە خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە دىپلومات بولۇپ تۇرغان. ئانىسى جاۋ ۋېنرۇ خانىم شاڭخەيلىك ئارتىس بولۇپ، ئۇلار 1948-يىلى بىر يېرىم ياشلىق تېرىسانى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش يولى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتىدا شاڭخەيدىكى مومىسىنىڭ تەربىيەسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن. 1949-يىلى خىتايدا كومپارتىيە ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن تېرىسا خانىم ئەينى چاغدىكى بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، تاكى 1978-يىلغىچە خىتايدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان.
بالىلىق ۋە ياشلىقىنى خىتايدا ئۆتكۈزگەن تېرىسا خانىم تۇغۇلغان ۋەتىنى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتايچە خەنشيۇ تەخەللۇسىدا 45 پارچە كىتاب نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابلار ئارىسىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مارالبېشى ناھىيەسىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىگە قايتا تەربىيەگە چۈشكەن 9 يىللىق ھاياتى ھەققىدىكى ئاچچىق خاتىرىلەرمۇ بار. 2018-يىلنىڭ ئاخىرقى ئېيى بولغان 12-ئايدا تېرىسا خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمى ۋە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتايچە پروگراممىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىزىل خىتايدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن 30 يىللىق پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتقاندا 17 يېشىدىن باشلاپ قايتا تەربىيە نامىدا شەنشى ئۆلكىسىدە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىڭتۇەندە رېجىم ئاستىدا ئۆتكۈزگەن 11 يىللىق ھاياتىنىمۇ بايان قىلغان. ئۇ بۇ بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ شۇ يىللاردىلا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تېرىسا خانىم ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فاشىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى ۋە سىگانلارنى قىرىشىغا ئوخشاش قىلمىش» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ناھايىتى شەپقەتسىزلىك، مەن بۇنى ناتسىستلارنىڭ قىلمىشىدىن ھېچ پەرقلەنمەيدىغان شەپقەتسىز قىلمىش دەپ بىلىمەن. بۇ ئەھۋال 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقاتقىنىغا، سىگانلارنى يوقاتقىنىغا ئوخشاش قەبىھ قىلمىش. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەرگىز سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك! سىلەر ئۆز ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىتىشىڭلار كېرەك!»
تېرىسا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئېتىقادى ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەندە تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردىلا خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆزلىرىمۇ كومپارتىيەنىڭ ئېزىشىگە ئۇچراۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشتەك مىللىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى ئىنسانلىق ئەخلاقىغا خىلاپ دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە مەيلى قانداق ئىرق، مىللەت بولسۇن، قانداق مەدەنىيەت ياكى قانداق ئېتىقاد ياكى ئۆرپ-ئادەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇلار كەمسىتىش ياكى باستۇرۇشقا باھانە بولماسلىقى كېرەك. مانا بۇ مېنى ئەڭ ئازابلايدىغان مەسىلە. مېنىڭچە بۇ كومپارتىيەنىڭ تولىمۇ ياۋۇزلۇقى ياكى دىكتاتورىلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ مېنىڭ بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئارىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدىلا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىم. چۈنكى، ئەينى چاغدا بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ دوزاخ ئىچىدە ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلايتتى. ئۇلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، قازاقلار بولسۇن ئۇلارنى كەمسىتەتتى، ياراتمايتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمىگە شۇنچە ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغانلىقىغا ھەيرانمەن. مەن ئۇلاردىن سەن نېمەڭگە تايىنىپ ئۆزۈڭنى شۇنچە چوڭ تۇتىسەن، باشقىلارنى شۇنچە پەس كۆرىسەن دەپ سورۇغۇم كېلىدۇ. مەن بۇ خىل پىسخىكىدىكىلەردىن، يەنى باشقىلارنى ئۆزى بىلەن باراۋەر كۆرمەيدىغان كىشىلەردىن ناھايىتى بىزار ئىدىم، ئۇلارنى ياراتمايتتىم».
تېرىسا خانىم ئەكسىچە دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزىگە ئوخشاش ھېچقانداق دىنىي ئېتىقادى بولمىغان بىرىنى يات كۆرمەي، ياردەم قىلىشىنىڭ بۇ مىللەتتىكى ئېتىقاد، مىللىي ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىڭتۇەندىكى خىتاي كادىرلىرى ۋە ئاھالىلىرىدىن ئېرىشەلمىگەن مېھرى-مۇھەببەتنى ئۇيغۇرلاردىن ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەكسىچە مەن ئۇچراشقان، ئارىلاشقان ئۇيغۇرلار ناھايىتى دوستانە ئىدى، ئۇلار باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى بىلەتتى. باشقىلارنىڭ ھالىغا ۋە دەردىگە يېتەتتى. مەن ئەينى چاغدا ئۆزۈمنى ھەقىقىي ئېتىقادى بولغان بىرى دەپ قارىمايتتىم. لېكىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتىقادى بار ئىدى. ئەمما ئۇلار مېنىڭ ئېتىقادىم بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مېنى ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئادەم دەپ قارىمىدى. شۇڭا ئىككى مىللەت پسىخىكىسىدىكى بۇ خىل زور سېلىشتۇرما پەرق مەندە ئۇيغۇرلارغا بولغان ئالاھىدە ھۆرمەت ۋە قايىللىقنى قوزغىغان ئىدى. مەن ئۇلارنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن يېقىن كۆرەتتىم. چۈنكى ئۇلار بىلەن بىللە بولغىنىڭدا سەن ئۆزۈڭنى قانداقتۇر باشقا بىر يەردىن كەلگەن دەپ قارىمايتتىڭ، ئۆزۈڭنى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەم دەپ قارىمايتتىڭ. ئۇلار ھەممىمىز ئوخشاش باراۋەر ئىنسان دەپ قارايتتى، ئۇلار سېنى ئۆز قوينىغا ئالاتتى. لېكىن مەن بۇ خىل يېقىنلىق ۋە مۇھەببەتكە خىتايلاردىن ئېرىشەلمىدىم. شۇڭا بۇ خىل مۇھەببەت ۋە يېقىنلىقنى تەبىئىي ۋە پاك ھېسسىيات دەپ قارايمەن. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار مەندىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمىدى. ئەمما مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدىم. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەڭ چوڭ تەشەككۈرۈم ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن».
پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، تېرىسا خانىمنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىڭتۇەننىڭ پولك-مەيدانلىرىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئېغىر كۈنلەردە ئۇيغۇرلاردىن ئېرىشكەن ياردەملىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.