«ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى نەشردىن چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.11.09
ana-yurt-zhornili-305.jpg «ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ 8-سانىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

ئەنقەرەدە چىقىدىغان «ئانا يۇرت» پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

«ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ 8-سانىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى يەڭگىللىكلەر»، پروفېسسور مۇھەممەد ئالى قاپارنىڭ «مۇھەممەد ئەلەيھسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى»، ياپونىيەلىك تارىخچى سۇگاۋارا جۈننىڭ «1864-1865-يىللىرىدىكى كۇچا غوجىلىرىنىڭ ‹غازىتى› ۋە باشقا تەسىرى كۈچلەر» ناملىق ماقالىلەر ھەمدە ئادىل يۈسۈپ تەرجىمە قىلغان پروفېسسور دوكتور بەدى گەنجەر ئەپەندىنىڭ «ئىسلام دۇنياسىنىڭ زامانىۋىلىشىش ھادىسىسى بىلەن ئىمتىھانى» ناملىق ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.

بۇ ماقالىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ھالدا «ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

بىز ژۇرنالنىڭ يېڭى سانى ۋە بۇ ساندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى يەڭگىللىكلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ژۇرنالنىڭ ئىگىسى دوكتور نۇرەخمەت قۇربان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.