خېلەم خۇدابەردىيېف ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىغا ياخشى تونۇش بولغان خېلەم خۇدابەردىيېف ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىغا ياخشى تونۇش بولغان خېلەم خۇدابەردىيېف ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار، جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە دېگۈدەك چوڭ ئۇتۇقلار قازىنىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشتى. بۇنىڭدا بولۇپمۇ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەدەبىيات، مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر شەخسلەر مۇھىم رول ئوينىدى. تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىكى يارمۇھەممەت مۇبارەكوف، ئاتاقلىق ئالىملار غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، مۇرات ھەمرايېف، ئاتاقلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف، تونۇلغان ئىگىلىك رەھبىرى ئازاد مەشۈروف ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ شۇڭقار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئىسمىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىغا ياخشى تونۇش.

يېقىندا ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان «ئىجادكار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تونۇلغان ژۇرنالىست مەرھۇم مىنەمجان ئابدۇراخمانوفنىڭ «خەلقىنىڭ بەختىگە تۇغۇلغان ئىنسان» ناملىق ماقالىسىدە ئەنە شۇ خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئۆمۈر بايانى يورۇتۇلغان. مەزكۇر ماقالە ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە بېغىشلانغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خېلەم خۇدايبەردىيېف ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشچىلار فاكۇلتېتىنى، ئاندىن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. خېلەم خۇدابەردىيېف «ئۇچپېدگىز» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش تەھرىراتىدا ئىشلەۋاتقان پەيتىدە 1940-يىلى ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىلغان. 1941-يىلدىن باشلاپ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. قىسقا مۇددەتلىك ئوفىتسېرلارنى تەييارلاش كۇرسىنى تاماملىغان ئۇ 1947-يىلغىچە ئارمىيە سېپىدە بولغان. ئاندىن شۇ يىلى ئۇ ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان ئوفىتسېرلار قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئىككى يىل داۋامىدا، يەنى 1947-1949-يىللار ئارىلىقىدا مايور ئۇنۋانى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاش دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ تەرەققىي ئەتكەن دەۋرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. خېلەم خۇدابەردىيېف ئەنە شۇ دەۋردە ئىشلەپ، كۆپلىگەن ئەربابلار بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى دائىرىسىدىمۇ ياخشى تونۇلغان شەخس بولغان ئىكەن.

ئابلەت كامالوف مۇنداق دېدى: «خېلەم خۇدابەردىيېف 20-ئەسىر مەشھۇر ئۇيغۇر نامايەندىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، 60-80-يىللىرى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئاتاقلىق زىيالىيلارنىڭ بىرى. ھەقىقەتەنمۇ، بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. مەسىلەن، تاشكەنت شەھىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا ‹شەرق ھەقىقىتى› ژۇرنىلى يورۇق كۆردى، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلدى، رادىيو كومىتېتىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار پروگراممىسى ئىشلىدى. خېلەم خۇدابەردىيېف ئەنە شۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىدا چوڭ رول ئوينىدى. خېلەم خۇدابەردىيېف ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭغا دۆلەت رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتىدا چەتئەللەرگە رادىيو خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەندى. ئۇ بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن شەرەپلىك چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1965-يىلى شۇ كومىتېت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىغا سايلىنىدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلدى. مەسىلەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مىراسى ‹ئون ئىككى مۇقام›نى توپلاپ، رەتلەپ، پلاستىنكىغا ئېلىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ شۇنداقلا ئەنە شۇ مۇقاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئادەملەرنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى تاشكەنتكە ئېلىپ كەلدى ھەم تۇرۇشلۇق ئۆي بىلەن تەمىنلىدى.»

ئابلەت كامالوفنىڭ دېيىشىچە، خېلەم خۇدابەردىيېف كومىتېت يېنىدا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرغان ھەم ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان ئىكەن. خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. ئابلەت كامالوف يەنە خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ ئۆزبېكىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقى، مەملىكەتنىڭ چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە باشقىمۇ تەشكىلاتلاردا رەھبىرىي لاۋازىملارنى ئاتقۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر، قازاق، تاتار ۋە باشقىمۇ تۈركىي مىللەتلىرىدىن بولغان ھەر خىل ساھە مۇتەخەسسىسلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ 1944-يىلى باشلانغان خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چوڭ پۇرسەت ياراتقان ئىدى. خېلەم خۇدابەردىيېف ئەنە شۇ مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدا ئىككى يىل ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپ قايتقان.

سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا ئالدىن-ئالا ھەم تەپسىلىي تەييارلانغان بولۇپ، ئۆز پىلانلىرىنى پەيدىن-پەي ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «1943-يىلنىڭ ماي ئايلىرىدا سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي بيۇروسى ۋە رازۋېدكا باش باشقارمىسى مەخسۇس يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرىستاندىكى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتنى قوللاش قارارىنى ئالىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىي تەرەپتىن ۋە ئارقا سەپنى تەمىنلەش مەركىزىنى تاشكەنتتە قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرىنچى كاتىپى ئوسمان يۈسۈپوفنى بەلگىلەيدۇ. بۇ مەسىلىدە ئوسمان يۈسۈپوف ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى قوللىغان. بۇ ھەقتە ماڭا مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى بولغان مىرزىگۈل ناسىروف ئېيتىپ بەرگەن.»

مىنەمجان ئابدۇراخمانوفنىڭ ئەسلىشىچە، خېلەم خۇدايبەردىيېف 1947-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاشكەنتتە چەتئەللەرگە رادىئو خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىش تەھرىراتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىشقا تەيىنلەنگەن ئىكەن. لېكىن شۇ يىلى باشقىمۇ ئوفىتسېرلار بىلەن بىرلىكتە خېلەم خۇدابەردىيېفمۇ ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى سۆزىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «ئوسمان يۈسۈپوف ئۇلارغا: سىلەر قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-ئازادلىق ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە كېتىپ بارىسىلەر، پۈتۈنلەي جان-دىلىڭلار بىلەن خىزمەت قىلىڭلار، دېگەن ئىكەن. جەمئىيەت ئەربابى، مەرىپەتچى خېلەم خۇدابەردىيېفمۇ بىر نەچچە قېتىم غۇلجىغا بېرىپ، ئاساسەن مەدەنىيەت، مائارىپ، مەتبۇئات ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇ كىشىمۇ ئۇيغۇرلارغا جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلىشقا تىرىشتى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۇ تارىخ شاھىتلىرىنىڭ بىرى، تاتار تارىخچىسى مۇنىر يېرزىن 1947-يىلى غۇلجىدا «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلەۋاتقان پەيتىدە سوۋېتتىن كەلگەن باشقىمۇ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىر قاتاردا خېلەم خۇدابەردىيېف بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنىر يېرزىن مۇنداق دېدى: «ئۇ گېزىتنىڭ ئىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولدى. ئۇنىڭ گېزىت ماقالىلىرىنى تەييارلاشقا ئارىلاشقانلىقىنى بىلمىدىم. ئۇنىڭ بىردىن-بىر ئېيتقىنى، گېزىتنىڭ ماكېتى بولۇش كېرەك دېگەن تەكلىپى ئىدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىدا گېزىت چىقىرىش بىزنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن خېلەمنىڭ تەكلىپى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي چىقتى.»

خېلەم خۇدابەردىيېف 2004-يىلى 86 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، ئارىلىقتا 14 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى، خەلقى ئالدىدا ئادا قىلغان بۇرچىنى، ئۇنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئەسلەپ كەلمەكتە.

تولۇق بەت