ئۇيغۇر روھى سىدنېي سەھنىسىدە راك مۇقامى بىلەن كۈيلەندى

0:00 / 0:00

2018-يىل 2-سېنتەبىر كۈنى، سىدنېي شەھىرىدىكى رىۋېرسايىد تىياتىر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن راك مۇقامى كېچىلىكى ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن سەھنىنى جۇلالاتقان ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ ياڭراق ئۇيغۇر مۇقام غەزەللىرىگە تەڭكەش قىلىنغان دۇتار ۋە داپ ساداسى، جەزبدار، نازۇك ۋە گۈزەل ئۇسۇللىرى، ھاياجان ئىلكىدە مۇقام كۈيلىرىنى تەڭ ئېيتىشىپ، توختىماي ئۇسۇل ئويناۋاتقان تاماشىبىنلارنىڭ زوق-شوخ كەيپىياتى ۋە ئارىلاپ كۆتۈرۈلگەن «ياشا ئۇيغۇر، ياشا مۇقام» دېگەن شاۋقۇنلار ھەم چاۋاكلار ئىچىدە 50 مىنۇتچە داۋاملاشتى.

بۇ، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سىدنېيدىكى بۇ چوڭ سەھنىدە تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىشىدۇر. بۇ قېتىم سەھنىدە راك مۇقامىنى ئورۇنداشقا ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت تۇرسۇن بىلەن داڭلىق داپچى تاھىر ئىمىندىن باشقا يەنە ئاۋسترالىيەدىكى سەنئەتتىن خەۋىرى بار كىلارا، ئاينۇر قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇر خانىم-قىزلار، يىپەك يولى ئانسامبىلىدىكى مۇزىكانتلار، ئاۋسترالىيەلىك مۇزىكانتلار، ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا لېكتورى كىم كيۇنو قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا مىڭ يىللار ياشىغان ئۈزۈلمەس مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ئېغىر تەھدىتكە يۈزلەنگەن بىر ۋەزىيەتتە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر بۇ سەھنىدە مۇقامغا جان بېرىپلا قالماي، مۇقام ئىجراچىسى شۆھرەت تۇرسۇن ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام بىلەن، مۇقامنىڭ بولسا ئۇيغۇر بىلەن بىرگە ياشايدىغانلىقىنى قايتا نامايان قىلغان.

كونسېرت تەييارلىقى مەزگىلىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۆھرەت تۇرسۇن ئۆزىنىڭ بۇ كونسېرت ئارقىلىق ئاۋسترالىيەلىكلەرگە ۋە دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھنى مۇزىكا ئارقىلىق نامايان قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. دەرۋەقە ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ-چوڭ تاراتقۇلاردا راك مۇقامى كېچىلىكى ھەققىدە مەيدانغا كەلگەن ئىنكاس ۋە باھالاردىن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارمانلىرىغا يەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«ئەركىنلىكنىڭ مۇزىكىدا ئىپادىلىنىشىدىنمۇ كۈچلۈك ئىپادىلىنىشى يوقتۇر» دېگەن جۈملە «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچى گېزىتى» دە 3-سېنتەبىر كۈنى ژۇرنالىست جون شەندنىڭ «راك مۇقامىغا باھا: ئەركىنلىكنىڭ يارقىن يانغىنى كونسېرتتا يالقۇنلىدى» تېمىسىدىكى ئوبزورىدىكى باھالاردۇر. ئۇ ئوبزورىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتى زۇلۇم-سىتەمدە شەكىللەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى قايغۇلۇق پاراكەندىچىلىكلىرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى ئەركىنلىكنىڭ تېخىمۇ ئەلەملىك سۆزلىنىشى بولدى. . . . كونسېرتنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا بىر خەلق ناخشىسى ئۇلىشىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان تاماشىبىنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىشى شىنجاڭ راك مۇزىكىسىنى خۇرسەنلىك قاپلىغان شادلىق ياشلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىگە ئايلاندۇردى. بۇ قېتىم شۆھرەتنىڭ سۇفىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شېئىرىي تېكىستى كۈچ، دائىرە ۋە بېزەش بىلەن بارغانسېرى كۈچىيىدىغان يەڭگىل تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاندى. بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېلىنجاپ كۆيگىنى ئەركىنلىكنىڭ يارقىن يانغىنىغا ئوخشايدىغان تىرەن ۋە رەت قىلغۇسىز ھەقىقەتتۇر. ئەگەر بۇ تىل بۇ قۇلاقلارغا يات بولسا، ئىنساننىڭ ھېسسىياتلىرى خۇددى كىلارانىڭ تۆت خىل كىيىمدە ئورۇندىغان ئۇسسۇللىرىدا ئىپادىلەنگەن نەپىس نازۇكلۇقتەك ئۇنىۋېرسال ئىدى».

«سىدنېي دىنىي مۇزىكىلار فېستىۋالى» نىڭ سەنئەت يېتەكچىسى رىچارد پىتكۇۋىچ «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە بۇ فېستىۋالىدا مۇقامنىڭ ئاۋسترالىيەلىك تاماشىبىنلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بىر ئاۋسترالىيەلىك تاماشىبىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇقامنىڭ ھەقىقىي زوقىنى ھېس قىلدىم،» دېگەن.

راك مۇقامى كېچىلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئادالەيد شەھىرىدىن بالىلىرىنى ئېلىپ سىدنېيغا كەلگەن زۇلپىيە ئۇيغۇر خانىم، ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئورۇندىشىدا ئۇيغۇر مۇقام كېچىلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، ئاۋسترالىيەنى ئىككىنچى ۋەتەن قىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ھاياجانلىق بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، يەنە بولۇپمۇ بۇ ھاياجانلىق كېچىلىكنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇش ۋە ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئەھمىيىتىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇقام، سەھنىدە كۆپ خىل سازدىن باشقا، قوشۇمچە تەڭكەش مۇزىكىلار، ناخشا-ئۇسۇل قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكىللىرى مۇجەسسەملەنگەن ھالدا، سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز ئارا ماسلاشقان يۇقىرى ماھارىتى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغان ئۇنىۋېرسال سەنئەتتۇر. شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇ ئىلگىرى بۇ كېچىلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن راك مۇقامىنى ئورۇنداشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ۋىزا ئىشلىرىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلار سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كېچىلىككە قاتنىشالمايدىغانلىقى تېخى يېقىندا مەلۇم بولغان. ئۇ كېچىلىكنى يالغۇز سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن بۇ پەيتتە، كېچىلىكنى ئۇنىڭدىن بەتتەر ھاياجاندا كۈتكەن ئاۋسترالىيەدىكى سەنئەتتىن خەۋىرى بار ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن ھەمدەمدە بولۇشقان. نەتىجىدە بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك راك مۇقام كېچىلىكى ئاۋسترالىيەدە ئويلىغاندىنمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا روياپقا چىققان.

كېچىلىكنىڭ رەڭدار ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىگە ھەمدەمدە بولغان سەنئەت سۆيەر ئۇيغۇرلاردىن سىدنېيدا ياشاۋاتقان ئاينۇر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ كېچىلىكتە رول ئالغىنىدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، كلاسسىك ئەدەبىيات-سەنئىتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ زەربىسىدە جان تالىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى، قابىلىيىتىنى ۋە تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاينۇر خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، راك مۇقامىنى كۆرگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلار دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تونۇۋاتقان يېڭى بىر ۋەزىيەتتە مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇرلارنى نامايان قىلىشنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەشكەن. ئۇلار يەنە مۇشۇنداق ئۇيغۇر مۇقام سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيا ئايلىنىپ سەھنە تېپىشىغا بولغان كۈچلۈك ئىستەك ۋە ئۈمىدلىرىنى ئىپادە قىلىشقان.